ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى يۈكسىلىشىگە دىققەتلەرنى تارتتى
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى يۈكسىلىشىگە دىققەتلەرنى تارتتى ۋە «تېررورسىز تۈركىيە» نىشانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ «نەدىلا بولمىسۇن ھەق ۋە ئادالەتنى قوغدايدىغانلىقىنى» تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ «جۈرئەت بىلەن ۋە ھېچقانداق ئەندىشە قىلماستىن» سۆزلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان گېئوسىياسى جىددىيچىلىكلەرگە قارىماستىن ئىلگىرىلەش جەريانىدا دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەنقەرەنىڭ تاشقى سىياسەتتە سۆھبەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، دۆلەت ئىچىدە بولسا «تېررورسىز تۈركىيە» تەشەببۇسىنى قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېز ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارالىق تەرەققىياتلار ئالدىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەردوغان: «نۆۋەتتە دۇنيادا بىر تۈركىيە شامىلى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، نېمە قىلىۋاتقانلىقى، يېڭى تەرەققىياتلار ئالدىدا نەدە تۇرىدىغانلىقى ۋە قانداق قەدەم باسىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە» دېدى.
ئەردوغاننىڭ باياناتى رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار كۈچىيىۋاتقان ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك بۆلۈنۈشلەر چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە دىپلوماتىيەنى مەركەزگە قويۇش ئارقىلىق كىرىزىسلارنىڭ قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«يەر شارى مىقياسىدا جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، تىنچلىق، سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان سىياسەتلەر بىلەن كىرىزىسلارنى قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلاندۇرماي تۇرۇپ ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز.»
تۈركىيەنىڭ «نەدىلا بولمىسۇن ھەق ۋە ئادالەتنى قوغدايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئەردوغان، دۆلەتنىڭ «جۈرئەت بىلەن ۋە ئىككىلەنمەستىن» ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خەلقئارالىق تەرەققىياتلار ئالدىدا تۈركىيەنىڭ «تىك، جۈرئەتلىك، سەمىمىي ۋە پىرىنسىپال پوزىتسىيەسى» نىڭ ئالقىشلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق تەكىتلەندى
ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ توقۇنۇش قوغلاشمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۈگۈنكى مالىمانچىلىق ئىچىدىكى يەر شارى سىستېمىسىدا بىردىنبىر مەقسىتىمىز دوستلىرىمىزنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە يېڭى دوستلارغا ئېرىشىشتۇر. پىكىر ئىختىلاپلىرىدىن دۈشمەنلىك پەيدا قىلىش كويىدا ئەمەسمىز» دېدى.
تۈركىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئوخشاش ھۆرمەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۆز «ھوقۇقلىرى» ئۈچۈنمۇ كۈتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئەنقەرەنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى./
«تېررورسىز تۈركىيە» مۇساپىسى
ئەردوغان ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇقنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «تېررورسىز تۈركىيە» تەشەببۇسى مۇساپى تەرەپكە جامائەتچىلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
جۇمھۇر رەئىس: «ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ ئائىلىلىرى ۋە مىللىتىمىز بىلەن بىرلىكتە، تېررورلۇقنى مەڭگۈلۈك تۈگىتىش ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرىۋاتقان مۇساپىمىزنى قوللايمىز. تېررورلۇقتىن مەنپەئەتلىنىشنى خالايدىغانلارغا قارىماي، بۇ مۇساپە نىشانىغا قاراپ قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.
بۇ مۇساپىنىڭ قانۇنىي چەك ئىچىدە ۋە ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈكلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «قانۇنىي ئاساس ئىچىدە تۇرۇپ ۋە مىللىتىمىزنىڭ سەزگۈرلۈكىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە رىئايە قىلىپ، بۇ مۇساپىنى نىشانىغا يەتكۈزىمىز» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى ھەمدە غازىلار بىلەن شېھىت ئائىلىلىرىگە رەھمەت ئېيتتى.