خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي «چەت ئەل كۈچلىرى»نىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
بېيجىڭ تەرەپ لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، دىپلوماتىيە ۋە ھەمكارلىق چاقىرىقى قىلدى.
خىتاي «چەت ئەل كۈچلىرى»نىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلا ۋە رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلدى. / Reuters

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكاسى مىقياسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، «چەت ئەل كۈچلىرى»نىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي ب د ت نىزامنامىسىنىڭ مەقسەت ۋە پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

بېيجىڭ يەنە «چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ھەر قانداق باھانە بىلەن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بارلىق تەرەپلەرنى لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن كارىب رايونىنى «تىنچلىق رايونى» سۈپىتىدە قوغداشقا ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

خىتاينىڭ بۇ باياناتى، ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە، رايونغا دېڭىز ئارمىيەسى پىيادە ئەسكەرلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى، جەڭ ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋاشىنگتوننىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەر كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ھازىرغا قەدەر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دېگەن گۇمان بىلەن پاراخوتلارغا 21 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەتلەردە كەم دېگەندە 83 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئۆلگەنلەرنى «زەھەرلىك ئەتكەسچىسى تېررورچىلار» دەپ ئاتىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن شەنبە كۈنى ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىنىڭ «پۈتۈنلەي تاقالغان» دەپ قارىلىشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى. بۇ قەدەم، ۋاشىنگتون بىلەن مەزكۇر جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى