خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان سوتچى» دەپ تونۇلغان فرانك كاپرىئو 88 يېشىدا ۋاپات بولدى
فرانك كاپرىئو سوت زالىدىن ھالقىغان شەپقەت ۋەكۆيۈمگە تولغان مىراس قالدۇردى.
«دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان سوتچى» دەپ تونۇلغان فرانك كاپرىئو 88 يېشىدا ۋاپات بولدى
«دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان سوتچى» دەپ تونۇلغان فرانك كاپرىئو 88 يېشىدا ۋاپات بولدى / AP

«دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان سوتچى» دەپ تونۇلغان ئامېرىكالىق سوتچى فرانك كاپرىئو ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا 88 يېشىدا ۋاپات بولدى.

كاپرىئونىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سوتچى كاپرىئونىڭ «ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا قارشى ئۇزۇن ۋە باتۇرانە كۈرەش»تىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سوتچى كاپرىئو سوت زالىدا ۋە سىرتىدا قىلغان خىزمەتلىرى بىلەن مىليونلىغان كىشىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىللىقلىقى، يۇمۇرلۇق مىجەزى ۋە مېھرىبانلىقى ئۇنى تونۇيدىغان ھەر بىر كىشىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇردى ھەمدە يەنە ئۇنىڭ خاتىرىسى پەقەت ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر سوتچى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى سادىق بىر ئەر، ئاتا، بوۋا، چوڭ بوۋا ۋە دوست سۈپىتىدىمۇ يادلىنىدۇ» دېيىلدى.

ۋاپاتىدىن بىر كۈن بۇرۇن، كاپرىئو ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، راك كېسىلىگە قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

كاپرىئو: «بۇ جاپالىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا دۇئالىرىڭلار مېنىڭ روھىي ھالىتىمنى كۆتۈرىدۇ» دېگەندىن كېيىن، «ئەپسۇس، كېسىلىم قايتا قوزغالدى ۋە مەن يەنە دوختۇرخانىدا» دەپ راك كېسىلىنىڭ قايتىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «ئەگەر قىيىنغا توختىمىسا، مېنى دۇئالىرىڭلاردا يەنە بىر قېتىم ياد ئېتىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مەن دۇئانىڭ كۈچىگە چىن قەلبىمدىن ئىشىنىدىغان بىر كىشى» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

شەپقەت مىراسى

1936-يىلى رود ئارىلىدا تۇغۇلغان كاپرىئو سوت زالىدىن ھالقىغان شەپقەت ۋە سان-ساناقسىز ياخشىلىقلىرى بىلەن بىر مىراس قالدۇردى.

كەسپىي ھاياتىدا ھېسداشلىق ۋە چۈشىنىشچانلىقنى نامايان قىلغان كاپرىئو، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن جەرىمانە تۆلىيەلمىگەن كىشىلەرنىڭ جەرىمانىلىرىنى دائىم كېمەيتىپ ياكى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ تۇراتتى.

رود ئارىلىنىڭ ۋالىيسى دان مەككى بايانات ئېلان قىلىپ، سوتچىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى. مەككى مۇنداق دېدى: «مەن ئۈچۈن ئۇ، كېسەللىكى بىلەن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان بىر دوست ئىدى، مەن ئۇنى ناھايىتى سېغىنىمەن. بۇ قىيىن پەيتتە ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن».

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلدى: «سوتچى كاپرىئو خەلققە پەقەت ياخشى خىزمەت قىلىپلا قالماي، ئۇلار بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئىللىقلىقى ۋە مېھىر-شەپقىتىگە بىپەرۋا قارىيالمىدى. ئۇ پەقەت بىر قانۇنشۇناسلا ئەمەس، بەلكى سوت زالىدىكى ھېسداشلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى ۋە ئادالەت ئىنسانىي مېھىر-شەپقەت بىلەن بىرلەشكەندە نېمىلەرنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى».

كاپرىئو 2018-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا «ئېممى» مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن «Caught in Providence» (پروۋىدېنستا تۇتۇلۇش) ناملىق پىروگراممىدا رول ئالغان ئىدى. بۇ پىروگراممىدا كاپرىئو، ھەر خىل ئەيىبلەشلەرگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى ئاڭلاش جەريانىدا جاۋابكارلارغا ئاتىلارچە مېھىر-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، شەپقەتلىك پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلاتتى.

 

مەنبە:TRT Uygur
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى