تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن پاكىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى بىرلىكتە چارلاش كېلىشىمى ئىمزالىدى
پاكىستان نېفىت مىنىستىرى ئەلى پەرۋەز مالىك پاكىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بىلەن پاكىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى بىرلىكتە چارلاش كېلىشىمى ئىمزالىدى
The joint bidding agreement was signed on the margins of the 2025 Pakistan Minerals Investment Forum in the capital Islamabad / AA

مىنىستىر ئەلى پەرۋەزمالىك ئىسلامئابادنىڭ (ھۆكۈمەتنىڭ) بۇ ھەمكارلىقنى «تولۇق قوللايدىغانلىقى»نى ۋە بۇ ھەمكارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى زاپاسلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن «كۈچلۈك ئىلھام مەنبەسى بولىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بىلەن پاكىستان، پاكىستاننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى 40 ئورۇندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاشنى ھۆددىگە ئېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تەكلىپ سونۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

پاكىستان نېفىت مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق چارلاش تەكلىپ سونۇش كېلىشىمىنىڭ سەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن «2025-يىللىق پاكىستان كانچىلىق مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى» جەريانىدا ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى فېۋرال ئېيىدا ماكران ۋە ئىندۇس ئويمانلىقى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى 40 ئورۇندا قېدىرىپ تەكشۈرۈش سەپەرۋەرلىكى ھۆددىگەرلىكى ئېلان قىلىپ، قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسى بېرىش پۇرسىتى ياراتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

باياناتتا: «بۇ ھۆددىگە بېرىش باسقۇچى دۆلەتنىڭ نېفىت-گاز قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش ساھەسىگە بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغى (FDI) جەلپ قىلىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

پاكىستاننىڭ «مارى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى»، «نېفىت-گاز تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» ۋە «پاكىستان نېفىتچىلىك چەكلىك شىركىتى» قاتارلىق شىركەتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «تۈركىيە نېفىتلىرى پايچېكلىك شىركىتى» (TPAO) پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدىكى چارلاشلارغا بىرلىكتە قاتنىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

باياناتتا يەنە: «بۇ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ پاكىستانغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان چەت ئەل بىۋاسىتە مەبلىغىنى (FDI) ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تېخى بايقالمىغان يوشۇرۇن بايلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئۈچۈن خەلقئارالىق تېخنىكا، تەجرىبە ۋە ماھارەتلەرنىڭ ئورتاقلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېيىلدى.

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار بىلەن پاكىستان نېفىت مىنىستىرى ئەلى پەرۋەيز مالىك ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مىنىستىر ئەلى پەرۋەزمالىك ئىسلامئابادنىڭ (ھۆكۈمەتنىڭ) بۇ ھەمكارلىقنى «تولۇق قوللايدىغانلىقى»نى ۋە بۇ ھەمكارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى زاپاسلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن «كۈچلۈك ئىلھام مەنبەسى بولىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

بايراقتار ئىسلامئاباد تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كانچىلىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى