سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى مېلانىيا ترامپنى غەززە بالىلىرى ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى
تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى ئەمىنە ئەردوغان ئامېرىكانىڭ بىرىنچى خانىمىغا يازغان خېتىدە، ھەر بىر بالىنىڭ ئورنى، ئىرقى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قارىماي بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىشتەك تەبىئىي ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى مېلانىيا ترامپنى غەززە بالىلىرى ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى
تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى مىلانىيا ترامپقا خەت يازدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA Archive

تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى ئەمىنە ئەردوغان ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مېلانىيا ترامپقا خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەندەك، غەززەدىكى بالىلارغىمۇ ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

22-ئاۋغۇست (2025) يېزىلغان بۇ خەتتە، بىرىنچى خانىم ئەردوغان مېلانىيا ترامپنىڭ ئىلگىرىكى تەشەببۇسلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ توقۇنۇشتا جېنىدىن ئايرىلغان 648 ئۇكرائىنالىق بالىغا بولغان ھېسداشلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئۇ مېلانىيانى غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، يەنى يېقىنقى ئىككى يىلدا تەخمىنەن 62،000 پۇقرانىڭ، يەنى بۇنىڭ ئىچىدە 18،000 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا ئۈندىدى.

بالىلارنى قوغداش كېرەك

تۈركىيە بىرىنچى خانىمى ئالتە يىل ئىلگىرى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىنى ئەسلەپ، ئامېرىكا بىرىنچى خانىمىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا يازغان مەكتۇبىدىكى ئەخلاقىي سەزگۈرلۈكىنى ماختىدى. ئۇ بۇ سەزگۈرلۈكنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىنىڭ  «كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۈمىدنى ئويغاتقانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، بالىلارنىڭ بىخەتەر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىش ھوقۇقىنىڭ، جۇغراپىيە، ئىرقى ياكى دىنىي ئېتىقادىغا قارىماي قوغدىلىشى كېرەك بولغان تەبىئىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازدى:

«ئىسىملىرىنىمۇ ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان مىڭلىغان غەززەلىك بالىلارنىڭ كېپەنلىرىگە يېزىلغان <نامەلۇم بوۋاق>دېگەن سۆزلەر كوللېكتىپ ۋىجدانىمىزدا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.»

نېتانياھۇغا مەكتۇپ ئەۋەتىڭ

ئەمىنە ئەردوغان مېلانىيا ترامپقا كىرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا خەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ يازدى:

 «بۇ كۈنلەردە، دۇنيا كوللېكتىپ ئويغىنىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش دۇنيانىڭ ئىرادىسىگە ئايلانغان بىر پەيتتە، سىزنىڭ غەززەگە ۋاكالىتەن قىلغان چاقىرقىڭىزنىڭ پەلەستىن خەلقى ئالدىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئەمىنە ئەردوغان خېتىنى، غەززەنىڭ ھايات قالغان بالىلىرىغا ئۈمىد بېغىشلاش ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن ۋە ئورتاق ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا ئاخىرلاشتۇردى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 62 مىڭ 300 گە يېقىن پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى قەھەتچىلىككە دۇچ كەلگەن بۇ رايوننى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

ئۆتكەن يىلى (2024) نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى نېتانياھۇ ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا سوتتىمۇ غەززەدىكى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى