غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورشاۋنى بۇزۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان «يەرشارى سۇمۇد فىلوتى»غا قاتناشقانلاردىن بىرى، ماراكەشلىك مۇخبىر يۇنۇس ئايىت ياسىن بولۇپ، ئۇ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن نەزەربەنت قىلىنغان پائالىيەتچىلەرنىڭ «ئېغزاكى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقى»نى ئېيتتى.
ياسىننىڭ بۇ سۆزلىرى يەكشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ ماراكەشلىك پائالىيەتچىنىڭ ئىستانبۇل ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.
«يەرشارى سۇمۇد فىلوتى» غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يولغا چىققانىدى. بىراق، ئىسرائىلىيە بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا فىلوتتىكى كېمىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، 400 دىن ئارتۇق كىشىنى نەزەربەنت قىلغان ۋە جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بۇ كىشىلەرنى دۆلەتتىن چىقىرىۋېتىشكە باشلىغانىدى.
شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۆت نەپىرى ماراكەشلىك بولۇپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان 137 پائالىيەتچى تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى بىلەن ئىستانبۇل ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ماراكەشلىك پائالىيەتچى تېخىچە نەزەربەنتتە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.
نەزەربەنتتىن قۇتۇلغان ماراكەشلىك مۇخبىر يۇنۇس ئايىت ياسىن مۇخبىرلارغا: «بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كەچۈرمىش بولدى، بىز ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى تەرىپىدىن خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئېغىر ئازابلارنى چەكتۇق» دېدى.
ياسىن يەنە مۇنداق دېدى: «نەزەربەنتتە تۇرغان مەزگىلىمىزدە، ئېغزاكى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھۇجۇملارغا ئۇچرىدۇق، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ۋە ھاقارەتلىنىشكە چىداشقا مەجبۇر بولدۇق.»
«مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش»
كاسابلانكادىكى مۇھەممەد V خەلقئارا ئايرودرومىغا يىغىلغان ئونلارچە ماراكەشلىك پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، قايتىپ كەلگەن پائالىيەتچىلەر بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى ئىزاھار قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلدى.
ياسىن ئۆز دۆلىتىنىڭ 2020-يىلى «ئىبراھىم كېلىشىملىرى»نى ئىمزالاپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: «مۇخبىرلىق سالاھىيىتىمنى بىر ياققا قويۇپ، بىر ماراكەشلىك سۈپىتىدە شۇنى دېمەكچىمەنكى، خەلقنىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشىنىڭ ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىدە ئەكس ئېتىدىغان ۋاقتى كەلدى. خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قاراقچىلىق قىلىدىغان ۋە يۈزلىگەن پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلىدىغان بىر بۇلاڭچى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق».
فلوتقا قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى نۇرغۇن دۆلەتتە ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ۋە رەسمىي ئەيىبلەشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنداقلا، نەزەربەنتتىكى پائالىيەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە تېل ئاۋىۋنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقلار كۈچەيدى.
ئىسرائىلىيە 2 مىليون 400 مىڭغا يېقىن كىشى ياشايدىغان غەززەگە قاراتقان قورشاۋىنى 18 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئىسرائىلىيە قورشاۋدىكى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.
غەززەنىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان ئىسرائىلىيە، رايوندىكى نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يۇرت-ماكانىدىن ئايرىۋەتتى.