خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ  ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە / TRT Uyghur

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە – ۋېنگىرىيە ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشكە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىججارتومۇ قاتناشتى.

ئەردوغان بىلەن  ئوربان ھەيئەتلەرمۇ قاتنىشىدىغان زىياپەتتە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كېيىنچە ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى تاماش شۇيوك بىلەن كۆرۈشىدۇ.

كەچ تەرەپلەردە بەشتەپە سارىيىدا تۈركىيە - ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە – ۋېنگىرىيە ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بەشتەپە سارىيىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرگە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ئوربانمۇ قاتنىشىدۇ.

مۇراسىمدا تۈركىيە ۋە ۋېنگىرىيە سەنئەتچىلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى