جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلىجۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىخەتەر ئاشلىققا ئېرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيادىكى ئاشلىق ئىسراپچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بىز بىخەتەر ئاشلىققا ئېرىشىشنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسمى دەپ قارايمىز.

بىر تەرەپتە قۇرۇق نان تاپالمايۋاتقان مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىگە شاھىت بولۇۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتە ئاشلىق ئىسراپچىلىقى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر دۇنيادا، نە تىنچلىق، نە خاتىرجەملىك، نە پاراۋانلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنيا ئاشلىق مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەۋەتكەن ۋىدېيو تېلېگىراممىسىدا، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك ۋە ئاشلىق تەشكىلاتى (FAO) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرگە رەھمەت ئېيتىپ سۆزىنى باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن <يېڭىلىق يارات، ئەتەڭنى بېقىشقا كۈچ چىقار> تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا ئاشلىق مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. بىز كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت ئاسراش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ياشاشقا مۇۋاپىق بىر دۇنيا مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىر تەرەپتە قۇرۇق نان تاپالمايۋاتقان مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىگە شاھىت بولۇۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتە ئاشلىق ئىسراپچىلىقى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر دۇنيادا، نە تىنچلىق، نە خاتىرجەملىك، نە پاراۋانلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇشۇ پاكىتتىن چىقىپ، بىخەتەر ئاشلىققا ئېرىشىشنى پەقەت بىر تەمىنلەش مەسىلىسى دەپلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسمى دەپ قارايمىز ۋە بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلاۋاتىمىز.

دۇنيادا ھەر يىلى 1 مىليارد 500 مىليون توننا ئاشلىق ئىسراپ قىلىنىدۇ

خەلقئارالىق دوكلاتلارغا قارىغاندا، ئاشلىق ئىسراپچىلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ قىسمى يەنى % 60 ى ئۆيلەردە، يەنى ئىستېمال باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ. دۇنيادا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون توننا ئاشلىق يا يوقىلىپ كېتىدۇ ياكى ئىسراپ قىلىنىدۇ. شۇڭا بىز ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرگەندەك، ئاشلىقنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ۋە ئىسراپ قىلىنىشىغا قارشى كۈرەش قىلىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز.

بىز 2020-يىلى باشلىغان <ئاشلىقىڭنى قوغدا، داستىخىنىڭغا ئىگە چىق> تەشەببۇسى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. نان ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىمىز ئارقىلىق نان ئىسراپچىلىقىنى % 18 ئازايتتۇق. رەپىقەم ئەمىنە ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە 9 يىل ئىلگىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن <نۆل تاشلاندۇق> ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇ ساھەدە دۇنياۋى تونۇشنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇۋاتىمىز.

بۇ يىل 9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى> نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31-نۆۋەتلىك يىغىنى (COP31) جەريانىدا، تەجرىبىلىرىمىزنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان قەدەملەرنى پىلانلاۋاتىمىز. شۇنداقلا COP31 يىغىنى جەريانىدا <تۇركۇئاز باغلىنىش> (Turkuaz Bağlantı) تەشەببۇسىمىز بىلەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە كىلىمات ۋەدىلىرىنى ئورتاق بىر ئاساستا جەم قىلىشنى نىشانلاۋاتىمىز.

مەھدى ئەكەرنىڭ FAO باش مۇدىرلىقى نامزاتلىقىنى قوللاش چاقىرىقى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك ۋە ئاشلىق تەشكىلاتى (FAO) نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلۇق ئىشخانىسىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەشكىلاتنىڭ باش مۇدىرلىق سايلىمى ئۈچۈن نامزاتىمىزنى ئېلان قىلدۇق. دۆلىتىمىزدە ئۇزۇن يىللار يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئۆتىگەن ھۆرمەتلىك مەھدى ئەكەرنى قوللىشىڭلارنى كۈتىمىز. مۇشۇنداق ئويلار بىلەن دۇنيا ئاشلىق مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن، مەسلىھەتلىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. سىلەرنى يەنە بىر قېتىم چىن دىلىمدىن، ھۆرمەت بىلەن سالاملايمەن.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 103-يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جو ۋىلسون: مەككە ئىتتىپاقى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ناتوسى بولالايدۇ
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
خاقان فىدان شىمالىي رېين-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاھىن: مىللىي يانفون مالاتيادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قوشما تاموژنا كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى