تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، زوڭغۇلداقتىكى فىليوس (Filyos) پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوسمان غازى لەيلىمە ئىشلەپچىقىرىش سۇپىسىنى ئۇزىتىش مۇراسىمى» غا ئەۋەتكەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ رەڭلىرى بىلەن بېزەلگەن ئوسمان غازى لەيلىمە ئىشلەپچىقىرىش سۇپىسىنىڭ دۆلەتكە ۋە مىللەتكە خەيرلىك خىزمەتلەرنى قىلىشىنى ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان 2024-يىلى ئىيۇلدا تۇنجى لەيلىمە ئىشلەپچىقىرىش سۇپىسىنى تۈركىيەگە قازاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى مايدا ئىسمىنى «ئوسمان غازى» دەپ بېكىتكەن بۇ غايەت زور سۇپىنى دولماباھچە سارىيىدىن فىليوسقا ئۇزاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۈگۈن بولسا ئېنېرگىيە تارىخىمىزدا يىپيېڭى بىر سەھىپە ئاچىمىز. لەيلىمە سانائەت مۇئەسسىسەسى بولغان ئوسمان غازىنى ۋەزىپە ئورنى قارا دېڭىزغا ئۇزىتىمىز. ئوسمان غازى، <تۈركىيە ئەسىرى> تەسەۋۋۇرىمىزنىڭ دېڭىزلاردىكى نامايەندىسى بولغان <كۆك ۋەتەن> نىڭ تۇنجى زاۋۇتىدۇر» دېگەن سۆزكەرنى ئىشلەتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوسمان غازىنىڭ 298.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقى، 56 مېتىر كەڭلىكى، 29.5 مېتىر چوڭقۇرلۇقى ۋە 140 خادىمى بىلەن بىر لەيلىمە ئېنېرگىيە قەلئەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى:
«ئۈستىدىكى 21 ئوخشاش بولمىغان بۆلۈمى ئارقىلىق ساكاريا تەبىئىي گاز رايونىدىكى قۇدۇقلاردىن ئالغان گازنى بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىز ئاستىغا ياتقۇزۇلغان تۇرۇبىلار بىلەن فىليوسقا ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىمىز كۈنلۈكى 20 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ، 2027-يىلىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ھەر 3 ئائىلىنىڭ 1 ى يەرلىك تەبىئىي گازىمىزنى ئىشلىتىدۇ. خەيرلىك، مۇبارەك بولسۇن دەيمەن. بۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن لايىھەلەنگەن قۇرۇلۇشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق خىزمەتداشلىرىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، سۇپىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بارلىق خادىملىرىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.»





















