خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى
تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدىكى كەم دېگەندە ئالتە ئوخشىمىغان نۇقتىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. تايلاند ھەربىي ئەمەلدارلىرى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن بارلىق چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى تاقىدى.
تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى
/ Reuters

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كامبودژا تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر راكېتا تايلاندنىڭ سۇرىن ئۆلكىسى كاپ چېڭ ناھىيەسىدىكى بىر چېگرا تەرەققىيات مەركىزىگە تېگىپ كەم دېگەندە تۆت پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى؛ بۇ ئۇچۇر تايلاند دۆلەت تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

سى سا كېت ئۆلكىسىنىڭ كانتالاك ناھىيەسىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىغا چۈشكەن بومبا پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككى پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى. يەنە مەزكۇر ئۆلكىنىڭ كانتاراراك ناھىيەسىدىكى بان فۇئې بازىرىدىكى بىر تاللا بازىرىغا چۈشكەن كامبودژا راكېتالىرى بولسا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە نۇرغۇن پۇقرانىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆلكە باشلىقى ۋاتتانا فۇتتىچاتمۇ جەزملەشتۈردى.

تايلاند ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئىدارىسى تاللا بازىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى كىشىنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. «Thai PBS» تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى جەسەتلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدىن تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تايلاند ئارمىيەسى كامبودژانى مەزكۇر مەركەزگە راكېتا ئېتىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئارمىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كامبودژا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئىككى دانە BM-21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەتىگەن سائەت 09:40 دا (خەلقئارا ۋاقتى سائەت 02:40) مەھەللە مەركىزىگە تەگكەن. تايلاند ھەربىي ئەمەلدارلىرى كامبودژا ئەسكەرلىرىنىڭ ئېغىر قوراللار بىلەن ئاۋۋال ئوق چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، كامبودژا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن پەقەت ئۆزىنى قوغدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى توقۇنۇش بىر تايلاند ئەسكىرى مىنا پارتلاپ پۇتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ بىر كۈندىن كېيىن يۈز بەردى. تايلاند تالاش-تارتىشلىق چېگرا لىنىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلانغان ئالتە دانە F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ بىرىنىڭ كامبودژاغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، بىر ھەربىي نىشاننى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ھەر ئىككى دۆلەت توقۇنۇشنى قارشى تەرەپنىڭ باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەيشەنبە كۈنى كامبودژا تايلاند بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ۋە بانكوكتىكى بارلىق دىپلوماتىك خادىملىرىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. «Khmer Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قارار تايلاندنىڭ كامبودژانىڭ ئەلچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشى ۋە فىنوم پېندىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشىدىن كېيىن چىقىرىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بانكوكتىكى كامبودژا ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق خادىملارنىڭ دۆلەتكە قايتىشى بۇيرۇلغان.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ تالاش-تارتىش، 15 يىل ئىلگىرىمۇ قانلىق ھەربىي توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بۇ يىل ماي ئېيىدا بىر كامبودژا ئەسكىرىنىڭ توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن جىددىيچىلىك قايتىدىن كەسكىنلەشكەن. پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، تايلاندنىڭ سۇرىن ئۆلكىسى بىلەن كامبودژانىڭ ئوددار مېئانچېي رايونى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرادا، ئىككى ئىبادەتخانا يېنىدا يېڭى توقۇنۇشلار باشلاندى.

سۇرىن ئۆلكىسى كاب چېڭ ناھىيەسى ئەمەلدارى سۇتتىروت چاروئېنتاناساك «رويتېرس» ئاگېنتلىقىغا: «توپ ئوقى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە چۈشتى» دەپ، كامبودژا تەرەپنىڭ ھۇجۇمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ناھىيە ئەمەلدارلىرى چېگراغا يېقىن 86 يېزىدىن 40 مىڭ پۇقرانىڭ تېخىمۇ بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كامبودژا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مالى سوچېئاتا بايانات ئېلان قىلىپ: «تايلاند ئارمىيەسى كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى زېمىنىنى قوغداۋاتقان كامبودژا قىسىملىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلدى» دېدى. تايلاند ئارمىيەسى بولسا، كامبودژا ئەسكەرلىرىنى ئاۋۋال ئوق چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەپ، كېيىن ئۇلارنىڭ پۇقرالارغا قارىتا «نىشانلىق ھۇجۇم» قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كېيىنچە، بىرى راكېتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك قول بومبىسى كۆتۈرگەن ئالتە نەپەر قوراللىق كامبودژا ئەسكىرى تايلاند قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى تىكەنلىك سىم توسۇققا يېقىنلاشتى. تايلاند ئەسكەرلىرى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە ۋارقىرىغان بولسىمۇ، ئەتىگەن سائەت 08:20 ئەتراپىدا كامبودژا قىسىملىرى تايلاند بازىسىدىن تەخمىنەن 200 مېتىر يىراقلىقتىكى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئوق چىقاردى.

تايلاندنىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى فۇمتام ۋېچاياچاي ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «ۋەزىيەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشىمىز شەرت. ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى