«ياۋروپا تېخىمۇ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە ئاستا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن»

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە بېسىمىنىڭ، 2026-يىلى ياۋرو رايونىدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى %2.6 كە يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى، تېخىمۇ ئېغىر بىر زەربىنىڭ بولسا پۇل پاخاللىقىنى %5 كە يېقىنلاشتۇرۇشى مۇمكىنل

By
«ياۋروپا تېخىمۇ يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە ئاستا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن» / Reuters

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە زەربىسى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئۈچۈن 2026-يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشىنى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالفرېد كاممېر، رايوننىڭ كۈچلۈك ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسەتلىرى ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى تەقەززا قىلىدىغان يېڭى بىر ئىقتىسادىي سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كاممېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئاران %1.3 بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى سىجىل تەمىنلەش زەربىسى ۋە قىسىلغان پۇل-مۇئامىلە شارائىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر بىر ۋەزىيەتنىڭ پۇل پاخاللىقىنى %5 كە يېقىنلاشتۇرۇشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىقتىسادىي چېكىنىشكە يۈزلەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 2026-يىلى ئۈچۈن پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى ياۋرو رايونىدا %2.6 بولىدۇ دەپ بېكىتىلدى؛ بۇ نىسبەت 2025-يىلىدىكى %2.1 لىك مۆلچەردىن يۇقىرىدۇر.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئىسكاندىناۋىيە ئىقتىسادى ئۈچۈن %2.2، تەرەققىي قىلىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرى ئۈچۈن %10.8، دۇنيا ئەللىرى ئۈچۈن %4.4 ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئۈچۈن %2.8 بولىدىكەن.

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىماقتا

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دوكلاتىدا، ئېنىق نىشانى بولمىغان ئېنېرگىيە ياردەم تەدبىرلىرىنىڭ يۇقىرى كىرىملىك ئائىلىلەرگە تەڭپۇڭسىز شەكىلدە پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى.

ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەر، 2022-يىلىدىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسى مەزگىلىدە ئېنېرگىيە ياردەم پىلانلىرى ئۈچۈن مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %2.5 نى چىقىم قىلغان ئىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە كەڭ كۆلەملىك باھا چەكلىمىسى قويۇشتىن ساقلىنىشنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئېنىق نىشانلىق ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى بولغان ياردەملەرنى يولغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

تەشكىلات يەنە مەركىزىي بانكىلارنىڭ پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى جەمئىي 50 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كاممېر يۇقىرى قەرز يۈكى بولغان دۆلەتلەرنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمىنى كېڭەيتىدىغان مالىيە ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تەدبىرنى چوقۇم تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاز تەسىرىگە ئۇچرىغان تۈركىيەدە پۇل پاخاللىقى بۇ يىل %28.6 كە چۈشىدىكەن.