روكەتسان، IDEF كۆرگەزمىسىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىملىرى ئىمزالىدى
تۈركىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقارغۇچىسى روكەتسان، IDEF كۆرگەزمىسىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىملىرى ئىمزالىدى
روكەتسان، IDEF  كۆرگەزمىسىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە كېلىشىملىرى ئىمزالىدى
/ AA
July 24, 2025

روكەتسان يېڭىلىق يارىتىشچان مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە زور قىزىقىش قوزغىدى.

تۈركىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقارغۇچىسى روكەتسان، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى كۆرگەزمىسى (IDEF) 2025 دە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شېرىكلىرى بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالىدى.

بۇ يىل 17-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە سەيشەنبە كۈنى باشلانغان ئالتە كۈنلۈك  IDEF 2025 كۆرگەزمىسى، ئىستانبۇل كۆرگەزمە مەركىزى، ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى، Wow  مېھمانخانىسى ۋە ئاتاكۆي پورتىدا تەڭلا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

KFA  كۆرگەزمە شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى ۋە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنى كۈچەيتىش فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى يەرشارىۋى ئالاقە ھەمراھى سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.

كۆرگەزمىدە يېڭىلىق يارىتىشچان مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەمەلىي جەڭلەردە مۇۋەپپەقىيىتى ئىسپاتلانغان سىستېمىلىرى بىلەن زور قىزىقىش قوزغىغان روكەتسان، پائالىيەتتە ئەڭ دىققەت قوزغىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولدى.

شىركەت، كۆرگەزمىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىملىرىدا، مەھسۇلات تاپشۇرۇش ۋە يېڭى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

ئەزەربەيجان بىلەن زەمبىرەك سىستېمىلىرى ھەمكارلىقى

روكەتسان ئەزەربەيجان بىلەن مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، زەمبىرەك سىستېمىلىرى ساھەسىدە يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى.

22-ئىيۇل كۈچكە ئىگە بولغان «زەمبىرەك سىستېمىلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى»گە ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاگىل گۇربانوۋ ۋە روكەتسان مۇدىرى پىروفېسسور، دوكتور فارۇق يىگىت ئىمزا قويدى.

«گۆكبۆرە» تۈرى ھەققىدە تارىخىي كېلىشىم

IDEF 2025  كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇلغان «گۆكبۆرە» ناملىق كۆرۈش دائىرىسى سىرتىدىكى ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىگە ئالاقىدار تەرەققىيات توختامى چارشەنبە كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى (SSB) بىلەن روكەتسان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالاندى.

توختامغا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خالۇق گۆرگۈن ۋە روكەتساننىڭ باش دىرېكتورى مۇرات ئىكىنجى ئىمزا قويدى.

ئادەم باشقۇرىدىغان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئىشلىتىلىدىغان «گۆكبۆرە»نىڭ، 100 دېڭىز مىلىدىن ئاشىدىغان مۇساپىسى ۋە ئۈستۈن نىشانغا يېتىپ بېرىش ئىقتىدارى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى زەربە بېرىش كۈچىگە ئايلىنىشى پىلانلانماقتا.

تۈر دائىرىسىدە يەنە، رادىيو چاستوتىلىق (RF) ئىزدەش قاپقىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئورنىتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات يوللاش سىستېمىسى قاتارلىق تارماق سىستېمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن روكەتسان بىلەن تۈركىيەنىڭ يەنە بىر مۇداپىئە شىركىتى— ئاسەلسان (ASELSAN) ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر توختام ئىمزالاندى.

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى (SSB) بىلەن ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىملەر

روكەتسان بىلەن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا يەنە ئىككى مۇھىم كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئىككى ئورگان ئوتتۇرىسىدا ئارىلاشما راكېتا/باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تۈرى توختامى ۋە TRLG-122  باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەمىنلەش ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى.

بۇ كېلىشىملەر تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغان مۇھىم سىستېمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەمىنلەشنى نىشان قىلىدۇ.

ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى (MKE) بىلەن يېقىلغۇ تاياقچىسى كېلىشىمى

روكەتسان ۋە ماشىنىسازلىق ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى (MKE) مۇ ھەرخىل تۈرلەردە ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ تاياقچىسىنى تەمىنلەشكە ئالاقىدار بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

كېلىشىمگە روكەتسان باش دىرېكتورى مۇرات ئىكىنجى ۋە MKE باش دىرېكتورى ئىلھامى كەلەش ئىمزا قويدى.

تېكنوپارك ئىستانبۇل بىلەن ھەمكارلىق

روكەتسان مۇداپىئە ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭى ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە تېكنوپارك ئىستانبۇل بىلەن يېڭى بىر كېلىشىمنامە ئىمزالىدى.

«تېخنىكا يېتىلدۈرۈش مەركىزىنى ئاساس قىلغان كارخانا ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى»گە روكەتسان باش دىرېكتورى مۇرات ئىكىنجى ۋە تېكنوپارك ئىستانبۇل باش دىرېكتورى پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇرراھمان ئاقيول ئىمزا قويدى.

بۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىدىيەلەرنى تىجارەتلەشتۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلارنى مۇداپىئە ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

مىللىيلىشىش خىزمەتلىرى

پەيشەنبە كۈنى روكەتسان، ھازىرغىچە ھەمكارلىشىپ كەلگەن Armsto Konnektör، Asil Çelik، Sensorsan Sensör Teknolojileri، Iveo Elektronik Savunma Sistemleri، Korel Elektronik ۋە Pavezyum Kimya  شىركەتلىرى بىلەن «مىللىيلىشىش خىزمەتلىرى ئۆزئارا چۈشىنىش رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى.

ئۆتكەن يىلى يولغا قويۇلغان روكەتساننىڭ «كەلگۈسى ئۈچۈن يۈكسىلىش» سۇپىسى، مىللىيلىشىش تەشەببۇسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مىللىيلىشىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە يوشۇرۇن تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بۇ سۇپا، تەمىنات خەۋپى ۋە چەت ئەللەرگە بولغان بېقىندىلىقنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر ھەمبەھرىلىشىش سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.

روكەتسان تەمىنات زەنجىرى ۋە ئەشيا ئوبوروتى باش دىرېكتورىنىڭ ئورۇنباسارى خالىد بۇلۇت، روكەتساننىڭ تەمىنات جەريانىدا تاشقى مەنبەلەرگە بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىش ۋە تېخىمۇ مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن مىللىيلىشىش خىزمەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەڭ كۆپ ئەقلىيفون ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
تۈركىيە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى»غا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى مالايشىيا بىلەن تاكتىكىلىق ماشىنا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ئەردوغان، توگ (Togg) نىڭ يېڭى T10F مودېلىنى ئىستانبۇلدا سىناق قىلدى
ئاۋسترالىيەنىڭ كۋانتاس ئاۋىياتسىيە شىركىتى: «ئالتە مىليون خېرىدارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئوغرىلاندى»
ھىندىستان ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىش يۈز بەردى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خادىملىرىنىڭ ۋاتسئەپ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى — «كائان» دۇنياۋى ئىشەنچكە قانداق ئېرىشتى؟
ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت، خىتايدا نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى؛ خىتاينىڭ ترامپقا قارشى كوزىرى بولالامدۇ؟
خىتايدىكى ئاپتوموبىل ساتقۇچىلار زاپاس ئاپتوموبىللار سەۋەبىدىن تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە
مۇتەخەسسىسلەر ترامپنىڭ «ئايفون»نىڭ ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلىشىغا قارشى سۆزلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى
ب د ت: سۈنئىي ئەقىل ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارنىڭ خىزمەتلىرىگە بەكرەك خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ
مىكروسوفت 22 يىللىق مۇلازىمەت تارىخىغا ئىگە Skype نى تاقاشنى قارار قىلدى
مىڭلارچە شىمالىي قىبرىس تۈركلىرى لەفكوشادىكى «تېكنوفېست» پائالىيىتىگە قاتناشتى
جەنۇبىي كورېيە ئاپرېلدا ئۆزەك ئېكىسپورتى نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى
خۇاۋېينىڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكالىقلارنى بىئارام قىلىدۇ؟