ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدۇ

تاراتقۇلارنىڭ ئۈچ نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق «تىرىپولى» (USS Tripoli) ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئوتتۇرا شەرققە قاراپ يولغا چىققان.

By
ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئامېرىكا «ئابراھام لىنكولىن» ئاۋىياماتكىسىدىن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە، 2026-يىلى 3-مارت، رويتېرس. / Reuters

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» (Wall Street Journal) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەچكە، پېنتاگون ئوتتۇرا شەرققە قوشۇمچە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

جۈمە كۈنى ئۈچ نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇرۇش مىنىستىرى پىت خېگسېت (Pete Hegseth) ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى جەڭگىۋار گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قىسمىنى (ئادەتتە بىر قانچە ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 5000 نەپەر دېڭىز پىيادە ئەسكىرىدىن تەركىب تاپىدۇ) ئەۋەتىش تەلىپىنى تەستىقلىغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىككى نەپەر ئەمەلدار ھازىر ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق «تىرىپولى» پاراخوتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرانغا قارشى باشلانغان ئۇرۇش دائىرىسىدە، رايوندا ھازىرمۇ دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرى بار ئىكەن.

پېنتاگون ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى.

ئۇرۇش مىنىستىرى خېگسېت بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى ئېيتىپ، بۇ خىل ئەندىشەلەرنى رەت قىلغان ئىدى.

ئۇ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدا «ئامالسىزلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى» نى ئېيتىپ: «بىز بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇۋاتىمىز، سىلەرنىڭ ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى.

ئۇ بوغۇزنىڭ قاچان تولۇق نورماللىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا، «بوغۇزدىن ئۆتۈشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان <بىردىنبىر ئىش> ئىراننىڭ پاراخوتلارغا ئوق چىقىرىشى» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ھەر ئېھتىمالغا قارشى پىلانىمىز بار. بىز ئورگانلار ئارا شېرىكلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. بىز بۇ بوغۇزنىڭ تالاش-تارتىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىغا ياكى سودا ماللىرىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا يول قويمايمىز» دەپ سۆزىنى تولۇقلىدى.