سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جىددىي كەيپىياتتا ئۆتكەن
ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ قاتار ھۇجۇمى مەسىلىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ جىددىي كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جىددىي كەيپىياتتا ئۆتكەن
/ AP

نېتانياھۇ سۆھبەت جەريانىدا ترامپقا، قاتارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغانلىقىنى ئېيتقان.

«‹The Wall Street Journal› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن جىددىي كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتاردىكى ھاماس ۋەكىللىرىگە قاراتقان ھۇجۇمىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقى ئۈچۈن «قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى» ئىپادىلىگەن.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەخسوس خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر، ترامپنىڭ نېتانياھۇغا، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش قارارىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ۋە «ھۇجۇم يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى -ئىسرائىلىيەدىن ئەمەس- ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن غەزەپلەنگەنلىكىنى» بىلدۈرگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن. دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ يەنە بۇ ھۇجۇمنىڭ، غەززە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتكە مۇرەسسەچىلىك قىلىۋاتقان يەنە بىر ئامېرىكا ئىتتىپاقدىشىنىڭ زېمىنىغا زەربە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

نېتانياھۇ بولسا، ھۇجۇمنى باشلاش ئۈچۈن قىسقا بىر پۇرسەت تاپقانلىقىنى ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتتىن كېيىن تېخىمۇ دوستانە كەيپىياتتا ئىككىنچى قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سۆھبەتتە ترامپ نېتانياھۇدىن ھۇجۇمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغان، ئەمما نېتانياھۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمىگەن.

كېيىنچە ھاماس، رەھبەرلىرىنىڭ ھۇجۇمدىن ئامان قالغانلىقىنى دەلىللىگەن، ئەمما گۇرۇپپىنىڭ بەش ئەزاسى ۋە قاتارلىق بىر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - نېتانياھۇ «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانىغا سادىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

 ترامپ نېتانياھۇدىن نارازى

 

«‹The Wall Street Journal› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى دەپ تونۇلغان بولسىمۇ، نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكانىڭ پىكرىنى ئالماي تۇرۇپ قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىنى توختىماي قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرۇشىدىن بارغانسېرى بىئارام بولماقتا ئىكەن.

 مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەۋەرلەردە، ئاق ساراي دائىرىلىرىنىڭ، نېتانياھۇنىڭ ئىيۇل ئېيىدا سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن «ساراڭ ئادەمدەك» ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 

قاتار بۇ ھۇجۇمنى «قورقۇنچاقلىق ھەرىكىتى» ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ «مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشلىرى» غا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارس قولتۇقى دۆلىتى قاتار ئامېرىكا ۋە مىسىر بىلەن بىرلىكتە، 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 64 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەلسانى، چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، دوھاغا قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىغا قارشى كوللېكتىپ رايونلۇق جاۋاب تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەرەب ھەم ئىسلام ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەلسانى CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«رايوندىن بىر جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ. بۇ جاۋاب ھازىر باشقا رايونلۇق ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىش ۋە مۇزاكىرە قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.»

 

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى