ترامپ مادۇرو تۇتۇلغاندىن كېيىن كولومبىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، كۇبانى نىشانغا ئالدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋېنېزۇئېلا ھەرىكىتىدىن كېيىن رايون رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان سۆز تەلەپپۇزىنى كەسكىنلەشتۈردى، بوگوتانى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىدى ۋە گاۋانانىڭ كاراكاستىكى رولىنى تەنقىد قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى، ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرونى تۇتقۇن قىلىپ دۆلەتتىن ئېلىپ چىققان ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، كولومبىيە دۆلەت رەئىسى گۇستاۋو پېتروغا ئوچۇق- ئاشكارە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ھەمدە كەسكىن سۆزلىرىنى كۇبا ۋە رايون سىياسىتىگىمۇ كېڭەيتتى.
فىلورىدادىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋېنېزۇئېلاغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ نەتىجىسىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پېترونىڭ سۆزلىرى سورالغاندا، ترامپ كولومبىيە رەھبىرىنى ئامېرىكاغا قارىتا زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
ترامپ پېترو ھەققىدە: «ئۇنىڭ كوكايىن تالقانلاش ئەسلىھەلىرى بار. كوكايىن ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلىرى بار. ئۇنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەۋەتىۋاتىدۇ» دېدى ۋە «پېترو ئۆز ئېتىكىنى يىغىشتۇرۇۋېلىشى كېرەك» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ۋېنېزۇئېلا ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى ترامپ قايتا-قايتا كاراكاسنى ئامېرىكاغا قانۇنسىز زەھەرلىك چېكىملىك ئېقىمىنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ھۇجۇملارنى تېخىمۇ كەڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن ئىدى.
كۇبا يېقىندا ئامېرىكا سىياسەت مۇنازىرىلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشى مۇمكىن
تەنقىدلىرىنى كۇباغىمۇ قاراتقان ترامپ، ئارال دۆلىتىنى «مەغلۇپ بولغان دۆلەت» دەپ ئاتاپ، ئونلىغان يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى رەھبەرلىككە باغلىدى. كۇبانىڭ يېقىندا ئامېرىكا سىياسەت مۇنازىرىلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ترامپ: «ئۇ يەردىكى كىشىلەر يىللارچە، يىللارچە ئازاب چەكتى. كۇبالىقلارغا ياردەم قىلىشنى خالايمىز، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇبادىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن ۋە بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرگىمۇ ياردەم قىلىشنى خالايمىز» دېدى. ئۇ فىلورىدادا سۆز قىلغان بولۇپ، فىلورىدا كۇبا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار جەمئىيىتى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىشتاتلارنىڭ بىرىدۇر.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ترامپنىڭ يېنىدا تۇرۇپ گاۋانا ھەققىدە تېخىمۇ كەسكىن باھالارنى بەردى. كۇبانى «بىر ئاپەت» دەپ تەسۋىرلىگەن رۇبىيو، كۇبا ئەمەلدارلىرىنى مادۇرو ھۆكۈمىتىنى تىكلەپ تۇرۇشتا مەركىزىي رول ئويناش بىلەن ئەيىبلىدى.
رۇبىيو: «مادۇرونى قوغداشقا ياردەم بەرگەن بارلىق مۇھاپىزەتچىلەر، ئىستىخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى، كۇبالىقلار بىلەن تولغان ئىدى» دېدى ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ مەسىلىلىرىدە كۇبانىڭ زىيادە تەسىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە: «ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن بىرى، ئۇلارنىڭ كۇبادىن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇشىدۇر» دەپ سۆزىنى تولۇقلىدى.