كىيېۋ ۋاشىنگتوننى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ۋە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئۈزۈپ قويۇش تەھدىتى ئارقىلىق، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
تېخنولوگىيە مىلياردېرى ئىلون ماسك چارشەنبە (2026-يىلى 13-ئۆكتەبىر) كۈنى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىدىن «چۈشۈش» كە چاقىردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىيېۋ دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوللىشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
كىيېۋ بۇ ھەپتە ئامېرىكانى رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كىيېۋغا ئالدىنئالا خەۋەر قىلماسلىق ۋە ئۇكرائىنا ئالاقە ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ماسكنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش ياساش ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مۇداپىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئېلون ماسك ئېكس (X) سۇپىسىدا: «قىرغىنچىلىق داۋام قىلماقتا، زېلېنسكىينىڭ كېتىدىغان ۋاقتى كەلدى» دەپ يازدى.
زېلېنسكىي ماسكتىن ئۆزى قۇرغان «SpaceX» شىركىتىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تور مۇلازىمىتى «ستارلىڭك » نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
كىيېۋ دائىرىلىرى بۇ مۇلازىمەتنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ماسك بولسا، ھەر قانداق كاشىلىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدا ئالاقە ئۈچۈن تايىنىدىغان ۋە ۋاشىنگتوننىڭ كونتروللۇقىدىكى «Starshield» بىلەن، ئۇكرائىنا ئىشلىتىدىغان، ئەمما ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان ئاممىۋى سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسى «ستارلىڭك» نىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي «خائىنلىققا ئۇچرىغاندەك» ھېس قىلماقتا
مەزكۇر تالاش-تارتىشلار، زېلېنسكىينىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئېغىر ئېمبارگو ئاستىدىكى رۇسىيە بىلەن دىزېل يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، «خائىنلىققا ئۇچرىغاندەك» ھېس قىلغان-قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئۇكرائىنا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا يېقىندا ئۇكرائىنا ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان.
ترامپ بۇ خەۋەرنى رەت قىلدى.
كېلەر ئايدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ يۇقىرى بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ترامپ، يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا باغلاپ، بۇنى سايلامدا ئاۋاز توپلاش مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ukraine accuses US of aiding Russia by withholding strike warnings and slowing Starlink




















