خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «ئىران بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردۇق، ھورمۇز ئارقىلىق تەھدىت سالماڭلار»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تېھراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن تاقالدى دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئۆزگەرگەن پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىراننى «تەھدىت» سالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ترامپ: «ئىران بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردۇق، ھورمۇز ئارقىلىق تەھدىت سالماڭلار»
ترامپ: «ئىران بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردۇق، ھورمۇز ئارقىلىق تەھدىت سالماڭلار» / AFP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

شەنبە كۈنى ئاقسارايدىكى ئىشخانسىدا سۆز قىلغان ترامپ: «سۆھبەتلىرىمىز ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇساپە ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. 47 يىلدىن بېرى قىلىپ كەلگىنىدەك ئازراق ھىيلىگەرلىك قىلماقچى بولۇشتى. ھېچكىم ئۇلارغا قارشى تۇرالمىغان ئىدى. بىز تۇردۇق» دېدى.

ترامپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۈپ: «ئۇلارنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى يوق، ھاۋا ئارمىيەسى يوق، رەھبەرلىرى يوق. ھېچنېمىسى يوق. ئەمەلىيەتتە... بۇ بىر تۈزۈم ئۆزگىرىشىدۇر. بۇنى مەجبۇرىي تۈزۈم ئۆزگىرىشى دەپ ئاتىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما بىز ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرگە ئالاقىدار: «ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز... قاتتىق بىر پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىمىز. كۈننىڭ ئاخىرىدا بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىمىز» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ترامپ يەنە، تېھراننىڭ ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىنى يەنە بىر قېتىم تاقالدى دەپ ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدىكى تۇراقسىز پوزىتسىيەلىرى بىلەن ۋاشىنگتونغا تەھدىت" سالماسلىق توغرىسىدا ئىراننى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ: «بوغۇزنى يەنە تاقىماقچى بولۇشتى. بىلىسىلەر، يىللاردىن بېرى قىلىپ كەلگىنىدەك ئەمما بىزگە تەھدىت سالالمايدۇ» دېدى.

ئۇرۇش توختىتىش

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارىتا باشلىغان ھۇجۇملىرىدىن بۇيان توقۇنۇشلار كۈچەيدى. تېھران، ئىسرائىلىيەنى ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

پاكىستان ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشقا ۋاسىتىچىلىق قىلغان 8-ئاپرېلدىن بېرى ئۇرۇش توختىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. ۋاشىنگتون ۋە تېھران ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى پاكىستاندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە ئىسلامئابادتا يەنە بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۈچۈن خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.

ترامپ يەنە، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسىغا، ھازىرقى تېببىي تەرەققىياتتا يېڭىچە داۋالاش دورىلىرى دەپ بېكىتىلگەن بەزى روھىي ھالەتنى ئۆزگەرتكۈچى دورىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى تېزلىتىش بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنىمۇ ئىمزالىدى.

ترامپ، بۇ قارارنامىنىڭ زۆرۈر بولمىغان بيۇروكراتىك توسالغۇلارنى يوقۇتىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى FDA بىلەن پېشقەدەم جەڭچىلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ھەمبەھىرلىنىشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى شۇنداقلا FDA نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ھەر قانداق روھىي ھالەتنى ئۆزگەرتكۈچى دورىنىڭ قانۇنىي تۈرگە ئايرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - ‘Eternal Darkness’: Did Netanyahu seek to ‘exploit the ambiguity’ of the US-Iran ceasefire?
ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى