خاقان فىدان ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە بۇ يىل 10-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «مەركەزسىز دۇنيا: قائىدىلەر كۈچتىن قالغاندا كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ؟» تېمىلىق TRT World مۇنبىرى (TRT World Forum 2026) دائىرىسىدە «تۇتاشتۇرۇشچانلىقنىڭ يېڭى گېئوسىياسىيىسى: دېڭىز يوللىرى، بوغۇزلار ۋە كارىدورلار» ماۋزۇلۇق يىغىندا سۆز قىلدى.
مىنىستىر فىدان تۈركىيەنىڭ رايوندىكى سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى، تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە قەدەر داۋاملىشىشى ۋە غەززەدىكى قىرغىنچىلىققا قارىغاندا ئەپسۇسكى بۇلار يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن مەسىلىلەردۇر» دېدى.
فىدان مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىغا يېتىشنىڭ كېرەكلىكىگە ۋە يەرشارى ئىقتىسادى باغلانغان لىنىيەلەرنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىگە دىققەتلەرنى تارتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«بۇ قىيىنچىلىقنىڭ باشقا بىر تەرىپىمۇ بار. يەرشارى مىقياسىدا بىر تۇتاشتۇرۇشچانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بوغۇزلاردىمۇ بىر ئېشىش بولماقتا، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش لىنىيەلىرى ئازايماقتا ۋە بۇ شەكىلدە قۇرۇلمىلىق بىر ئاجىزلىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. قارا دېڭىزدا كۆرگىنىمىزدەك، بىر پاراخوت قاتناش لىنىيەسى ئۇرۇش لىنىيەسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بىر ئېنېرگىيە لىنىيەسى سىياسىي بېسىم قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەسلىكى لازىم. پەقەت بىرلا بوغۇز تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشى ۋە مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقتىكى ئىقتىسادلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.»
فىدان بۇ خىل ئەھۋاللاردا تۇتاشتۇرۇشچانلىقنىڭ، ئىستراتېگىيەلىك بىر ئەندىشە مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «دۆلەتلەر تەبىئىي ھالدا ئاساسلىق لىنىيەلەرگە، بازارلارغا ۋە مەنبەلەرگە بولغان كىرىش يوللىرىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ. بۇ كىرىش يولى ھاجەتسىز بولۇپ قالغاندا مۇستەقىللىق خەۋپلىرى ئورنىنى ئىشەنچسىزلىككە ۋە رىقابەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا رۇخسەت قىلماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
«كارىدورلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك»
تاللاشنىڭ، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىك ۋە تېخىمۇ چوڭ بىر تۇتاشتۇرۇشچانلىق ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان: «تۇتاشتۇرۇشچانلىقمۇ نۆلگە چۈشۈرۈپ قويۇلماسلىقى كېرەك. بۇ يەردىكى ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەت تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرۇش، تېخىمۇ چىداملىق ۋە تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بىر ھالەتكە كەلتۈرۈش بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككى نىشاننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى مەۋجۇت لىنىيەلەرنى كۈچەيتىش، بۇلارمۇ ئۈنۈملۈك خەۋپسىزلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قىلىش ۋە ئورگانلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ كارىدورلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئارقىلىق كىرىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك» دېدى.
فىدان، كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ تاللاشلارنى يارىتىش ۋە ئاجىزلىقنى ئازايتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق ئېيتتى:
«تۈركىيە دەل مۇشۇ كۆزقاراشنى تەشەببۇس قىلماقتا. بىز جۇغراپىيەلىك ئورنىمىزنى پەقەتلا قىتئەلەر ئارىسىدىكى بىر كۆۋرۈك دەپلا قارىمايمىز. ئىستراتېگىيەلىك بىر مەسئۇلىيىتىمىز بار دەپ ئويلايمىز. شۇڭا تېخىمۇ تۇتاشقان، تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تېخىمۇ پاراۋان بىر مۇھىت يارىتىلىشىدا رولىمىز بارلىقىغا ئىشىنىمىز. جۇغراپىيە پۇرسەت يارىتىدۇ، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغىنى كۆزقاراش، ئۇل ئەسلىھە ۋە دىپلوماتىيەدۇر. بۇ يوشۇرۇن كۈچنى تېخىمۇ چوڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئايلاندۇرىدىغىنى دەل شۇلاردۇر»
ئوتتۇرا كارىدورنىڭ بۇ كۆزقاراشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە دىققەتلەرنى تارتقان فىدان، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«جەنۇبىي كاۋكازدىن تۈركىيەگە سوزۇلغان بۇ يولدا ئىنتايىن مۇھىم سودا ۋە قاتناش لىنىيەسى شەكىللەنمەكتە. لىنىيەلەرنىڭ كۆپ خىللىقى ئىستراتېگىيەلىك بىر زۆرۈرىيەتكە ئايلانماقتا. يەنە بىر ياخشى تۈر بولسا، پارىس قولتۇقىنى ئىراق ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا باغلاشتۇر. شۇڭلاشقا ئېنېرگىيە بىرىكمىمىزنىمۇ ئاشۇرۇشقا، كۆپ خىللاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز»
فىدان بۇ تەشەببۇسلارنىڭ پەقەت ئايرىۋېتىلگەن ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىلا ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بۇلار تېخىمۇ كەڭ بىر تۇتاشتۇرۇشچانلىق بىناكارلىقىنىڭ ئۇل تاشلىرىدۇر. بۇ ئارقىلىق رايونلاردا پۇرسەتلەرنى يارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەرنىڭ ئورتاقلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق، سىياسىي ھەمكارلىقلار بىلەن ھەقىقىي تۈردە ئۈنۈم يارىتالايدۇ» دېدى.
«ئەڭ قىيىن شارائىتلاردىمۇ دىپلوماتىك ئالاقە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق يۇقىرى قىممەتلىك چارىلەرنى يارىتالايمىز»
ئۇل ئەسلىھەنىڭ يالغۇز ئۆزى تۇتاشتۇرۇشچانلىققا كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان فىدان: «لىنىيەلەر قوغدىلىشى كېرەك. توقۇنۇشلار چەكلىنىشى كېرەك. سىياسىي ئىختىلاپلار يەرشارىۋى ئىقتىسادلارنى تىرەپ تۇرۇۋاتقان سىستېمىلارنى پالەچ قىلىپ قويماسلىقى كېرەك. شۇڭلاشقا تۈركىيە بۇ ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئىمكانىيەتلىك سىجىل دىپلوماتىيە يارىتىشقا، رايونلۇق ئىگىدارلىقنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن كۆزقارىشىنى ئورتاقلاشتى.
فىدان تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى تەشەببۇسىنىڭ، سىجىل بىر دىپلوماتىيە ۋە ئاساسلىق يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توشۇلۇشىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ: «ئەڭ قىيىن شارائىتلاردىمۇ دىپلوماتىك ئالاقە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق يۇقىرى قىممەتلىك چارىلەرنى يارىتالايمىز. دىپلوماتىك چارىلەرنى كۆپەيتىشكە تىرىشىش ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ ئورتاق تەھدىتلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان فىدان: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كوللېكتىپ مۇداپىئە نۇقتىسىدىن تۈركىيەنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ۋە پاكىستاننى بىر يەرگە جەم قىلماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
فىدان، TRT World مۇنبىرىنىڭ «مەركەزسىز دۇنيا: قائىدىلەر كۈچتىن قالغاندا كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ؟» تېمىسىغا ئىشارەت قىلىپ: «يەرشارىۋى رەھبەرلىك چوقۇم پەقەت بىرلا مەركەزگە مەركەزلىشىشى شەرت ئەمەس. بۇ يەردىكى يېتىلىۋاتقان مەركىزىي ھوقۇق مەسئۇلىيەتنىڭ كوللېكتىپ بىر شەكىلدە ئورتاقلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن. مۇشۇ روھ ئاستىدا تۈركىيەنىڭ ئەمدى يەرشارىۋى بىر تەشەببۇسنى ئويلىشىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بولۇپمۇ بۇ خەلقئارالىق تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلىنغان بۇنداق بىر تەشەببۇس، رايونلار ئارا ئورتاق بىر نىشان يۆنىلىشىدە دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلالايدۇ» دېدى.
تەشكىلىي قۇرۇلمىلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان فىدان: «ئورتاقلىشىدىغان مەسئۇلىيەتلەر ئاساسىدا ۋە ئەمەلىي نەتىجىلەر ئۈچۈن، تۈركىيە بۇ كۆزقاراشنى ئورتاقلىشىدىغان بارلىق شېرىكلەر بىلەن بىللە ئىشلەشكە تەييار. بىزنىڭ نىشانىمىز ئېنىق بولۇشى كېرەك، بۇ تۇتاشتۇرۇشچانلىقنى ئىستراتېگىيەلىك بىر سەزگۈرلۈككە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك ئۈچۈن، ئورتاق پاراۋانلىق ئۈچۈن ۋە داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق ئۈچۈن. بۇ دەۋرىمىز تەلەپ قىلىۋاتقان رەھبەرلىكتۇر ۋە تۈركىيەنىڭ ئۆتكۈزۈپ ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان مەسئۇلىيىتىدۇر» دېدى.


















