سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ تالاش-تارتىشلىق مەھەللىلەردىن سائەت 09:00 غىچە چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رايوندىكى ھەربىي ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى بىرنەچچە مەھەللىدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى.
سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان بىر باياناتقا ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر مەزكۇر رايونلارنىڭ كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 03:00 تىن باشلاپ ئەشرەفىيە، شەيخ مەھسۇد ۋە بانى زەيد مەھەللىلىرىدە ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان.
مىنىستىرلىق ھەربىي ۋەزىيەتكە تولۇق خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىگە جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:00 غىچە مەھەللىلەردىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەن.
مەزكۇر بايانات، ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى چېكىنگەندىن كېيىن، سۈرىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەشرەفىيە مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بېرىلدى.
دائىرىلەر سۈرىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش جەريانىنىڭ، شەيخ مەھسۇد ۋە ئەشرەفىيەدىن كۆپ ساندا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئەزالىرى ئايرىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ بولسا رايوندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. سۈرىيە ئارمىيەسى يەنە ھەلەبتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ بازىلىرىنى قويۇق ۋە نىشانلىق ھالدا بومباردىمان قىلدى. دائىرىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كەم دېگەندە توققۇز پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملىرى ئىكەن.
2025-يىلى 10-مارتتا سۈرىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بىر بىر گەۋدىلىشىشىنى نىشان قىلغان، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلەيدىغان ۋە ھەرقانداق بۆلۈنۈش ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلىدىغان بىر كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. دائىرىلەر ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىم شەرتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئايلارچە ئەمەلىي قەدەم تاشلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە ھۆكۈمىتى 24 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2024-يىلى 8-دېكابىردا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇقىملىقنى قايتىدىن ئورنىتىش ۋە ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتتى.