ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە رۇسىيە بىلەن ئىران ۋە سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى
موسكۋا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تېھرانغا سىياسىي ياردەمدىن باشقا نەرسە بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق سىگنال بەرمىدى.
ئىسرائىلىيە رۇسىيە بىلەن ئىران ۋە سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە رۇسىيە بىلەن ئىران ۋە سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى / TRT World

ئىسرائىلىيە دۆلەت تاراتقۇسى «KAN» نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە تېھران بىلەن ئۇرۇش توختاتقان مەزگىلدە، ئىران ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، سۆھبەت 24-ئىيۇندىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن تەخمىنەن بىر ھەپتە كېيىن، موسكۋانىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىق قىلىشنى تەكلىپ قىلغىنىدىن كېيىن باشلانغان.

دوكلاتتا سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىران ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىك چارىلەرنى ئىزدىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك كېلىشىم تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئىران مەسىلىسىدە ئىلگىرى لىۋان بىلەن سۆھبەتلەشكەن رامكىغا ئوخشاش پىلان تۈزۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە 13-ئىيۇن ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملار ترامپنىڭ 24-ئىيۇن ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلغىنىدىن كېيىن توختىتىلغان ئىدى.

ئۇ ۋاقىتتا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى «مۇتلەق قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە «بۇ كۈشكۈرتۈشنىڭ بارلىق ئاقىۋەتلىرىنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، موسكۋا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىگە قارىماي، تېھرانغا سىياسىي ياردەمدىن باشقا نەرسە بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق سىگنال بەرمىدى.

ئۇرۇش توختاتقاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى «ئىبراھىم كېلىشىملىرى» دەپ ئاتالغان نورماللاشتۇرۇش كېلىشىملىرىنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ تېخىمۇ كەڭ رايونلۇق ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سۈرىيە بىلەن ۋاسىتىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن.

رۇسىيە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتە سەزگۈر تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ئىران بىلەن كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى.

يېقىنقى مەزگىللەردە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، تېھراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى بىلەن قايتۇرغان زەربىسى موسكۋا ئۈچۈن مۇرەككەپ دىپلوماتىك سىناق بولماقتا.

بىراق بۇ ئەھۋال موسكۋانىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك مۇرەسسەچى سۈپىتىدە رول ئوينىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

موسكۋادىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن يىراقلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا غەربنىڭ كىيېۋنى قوللىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى