سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ «بەدەخشان خەلق ئەسكەرلىرىنى قوللايدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
پاكىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ «پاكىستان كۈچلىرى بەدەخشان ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، بۇنىڭ ھەقىقەت بىلەن پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ «بەدەخشان خەلق ئەسكەرلىرىنى قوللايدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ «بەدەخشان خەلق ئەسكەرلىرىنى قوللايدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بەدەخشان ۋىلايىتىدىكى قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ ياكى ئۇلارغا ھەمراھلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشلىرى پاكىستان تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

پاكىستان ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ خىل قاراشلارنىڭ ھەقىقەتتىن پۈتۈنلەي يىراق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، مەزكۇر ئەيىبلەش پوزىتسىيەسىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ: «بۇ ئاساسسىز سۆزلەرنى قوللايدىغان ھېچقانداق ئىشەنچلىك دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىلمىدى» دېگەن ئىبارىلەر قوللىنىلدى.

بەدەخشاندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سىرتقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسىدىن كېلىپ چىقمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ پاكىستاننىڭ ئارىلىشىشىنى ئەمەس، بەلكى ئافغانىستاننىڭ ئۆز ئىچكى خەۋپسىزلىك ۋە باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، مۇستەقىل دوكلاتلارنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشلارنى «ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوراللىق كۈرەش» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى، بۇنىڭدا پاكىستاننىڭ چېتىشلىقى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىتنىڭ يوقلۇقى بايان قىلىندى.

 پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە تىنچ ۋە مۇقىم ئافغانىستاننى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى، قوشنا دۆلەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلەنگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«كابۇل ھاكىمىيىتى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ئۈچۈن پاكىستاننى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەتلىرىدىن كېلىپ چىققان ۋە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئىسپاتسىز ئەيىبلەشلەر ھەرگىز ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.»

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد «Aamaj News» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بەدەخشاندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئەمەلىيەتتە ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى