خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتار: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تىنچلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە تەھدىت سالماقتا
قاتار باش مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ تىنچلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قاتار: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى تىنچلىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە تەھدىت سالماقتا
/ Reuters
2025-يىلى9-ئاينىڭ12-كۈنى

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، دوھاغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيىتتى.

شەيخ مۇھەممەد بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، بۇ ھەپتە دوھاغا قىلىنغان ھۇجۇمنى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىگە  ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دەپ ئاتىدى، ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت قاتارنىلا ئەمەس، بەلكى تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار پەقەت قاتارنىلا نىشان قىلمايدۇ. تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرنىمۇ نىشان قىلىدۇ ۋە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.»

 ئالسانى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ دوھادا ھاماس سۆھبەتچىلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ھۇجۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر. شۇنداقلا بۇ ھۇجۇم، تىنچلىققا ئىشىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىك ھەرىكەت شەكلىگە خىلاپ قىلمىشتۇر.»

ھاماسنىڭ بەش ئەزاسى ۋە قاتارلىق بىر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ھۇجۇم، ھاماس ئامېرىكامۇ قوللىغان بىر ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا يۈز بەردى.

شەيخ مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ «رايوننى زورلۇق بىلەن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى» ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن «رادىكال ئىدىيەلەر» نى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەن.

 ئۇ: «بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرىگە قانداق باھا بېرىمىز؟ سىلەر ئىلگىرى بىر مۇرەسسەچىگە بۇنداق ھۇجۇم قىلغان باشقا بىر دۆلەتنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟» دەپ سورىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - قاتار ئىسرائىلىيە-ھاماس سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

 قاتارنىڭ داۋاملىق مۇرەسسەچىلىك قىلىش ئىرادىسى قەتئىي  

 

قاتارلىق رەھبەر، دوھانىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىش ۋە تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا بولغان ساداقىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، قاتارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان تەھتىتلەرگە سەۋر قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئالسانى ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنى غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، رايوننى پۈتۈنلەي مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا «جازاسىز قالىمىز، دەپ ئويلايدىغان قانخور رادىكاللار» دەپ ئاتىدى. ئۇ، تىنچلىق ئۈچۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيىتتى.

مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلغان ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمەن سەفەدىمۇ ئىسرائىلىيەنى «قولى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىغا بويالغان قۇتراتقۇ ھۆكۈمەت» دەپ تەسۋىرلەپ، بۇ دۆلەتنىڭ غەززەدە خەلقنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا سىستېمىلىق ھالدا ئىگىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. سەفەدى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ «تەكەببۇرلۇقىنى» توختىتىش ۋە رايوننى «پاجىئەلىك ھەرىكەتلىرىدىن» قوغداش ئۈچۈن «دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا» ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

دوھا 2012 – يىلدىن بۇيان ۋاشىنگتون ۋە تېل ئاۋىۋنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھاماسنىڭ سىياسىي ئىش بېجىرىش ئورنىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

 دوھا مىسىر بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى بۇ تىرىشچانلىقلارغا كۆلەگە چۈشۈرگەن بولسىمۇ، قاتار داۋاملىق مۇرەسسەچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - ترامپ: قاتارغا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى نېتانياھۇ يالغۇز چىقاردى

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار