بېلگىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زېلېنىسكىي بىلەن دې ۋېۋېر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تۇرالغۇلار، ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
زېلېنىسكىي بەزى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان جايلاردا رۇسىيەنىڭ ئوخشاش نۇقتىغا قايتا ھۇجۇم قىلىش خەۋپى سەۋەبىدىن رېمونت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىش باشلىيالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ باش مىنىستىرغا ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، F-16 ئايروپىلانلىرىنىڭ رېئاكتىپ ماتورلۇق «شاھىد» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توسۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنىسكىي: «قوشۇمچە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بېلگىيە بىلەن ئىشلەۋاتىمىز» دېدى. ئىككى رەھبەر F-16 لارغا قوشۇمچە ئوق دورا تەمىنلەش ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.
بېلگىيەنىڭ قوللىشىغا رەھمەت ئېيتتى
زېلېنىسكىي پادىشاھ فىلىپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا، بېلگىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۇكرائىنا شەھەرلىرى ۋە ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنىسكىي ياۋروپا ئىتتىپاقىدا توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى داۋاملىق قامال قىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، رۇسىيە يېڭى قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلىش ۋە ياۋروپانىڭ مۇقىمسىزلىقىغا مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشەلمەسلىكى كېرەك» دېدى.
كىيېۋ ھۆكۈمىتى كۆپ قىسمى بېلگىيەدە ساقلىنىۋاتقان توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بېلگىيە بولسا، بۇنىڭ قانۇنىي ۋە مالىيە خەۋپلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.




















