سەيشەنبە كۈنى، ترامپ ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ ۋاسىللا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلام يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ: «تەيۋەن كەلگۈسى 20 يىل جەريانىدا مەزكۇر تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلدى. بۇ ئەلۋەتتە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يارقىن كاپالىتىدۇر» دېدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر كېلىشىمنى «قايسىلا ساھەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ غايەت زور ۋەدىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ھاسىل قىلىنغان ئەڭ چوڭ كېلىشىملەرنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلىدى.
سايلام يىغىلىشىغا قاتناشقان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك تەيۋەننىڭ مەزكۇر تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا 4 مىليارد 400 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ترامپنىڭ بۇ باياناتى، تەيۋەن دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتى CPC Corp نىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكانىڭ Alaska Gasline Development Corp شىركىتى بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش شۇنداقلا تۈرگە مەبلەغ سېلىش ھەققىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقتى.
بۇ تۈرنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، تەبىئىي گاز ئالياسكانىڭ يىراق شىمالىي قىسمىدىن تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئىشتاتنىڭ جەنۇبىغا توشۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز شەكلىدە سېتىۋالغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.


















