خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى شارا بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىيو كوستا بىلەن ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دەر لېيېن سىياسىي دىيالوگنى كۈچەيتىش ۋە سۈرىيەنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەسلىگە كېلىشىنى قوللاشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى شارا بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
اۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى شارا بىلەن سۈرىيەنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە «ياخشى سۆھبەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. / AA

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىيو كوستا بىلەن ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دەر لېيېن نىيۇ يوركتىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ئەھمەد شارا (شەرئ) بىلەن كۆرۈشتى.

سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X  تە ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى شارا بىلەن سۈرىيەنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە «ياخشى سۆھبەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «زىيانلىق تاشقى ئارىلىشىشلاردىن خالىي، ھەقىقىي، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تىنچ ۋە سۈرىيەنىڭ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۆتكۈنچى باسقۇچ»نى قوللايدىغانلىقى تەكرارلاندى.

باياناتتا: «بىز سىياسىي دىيالوگنى كۈچەيتىشكە، جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا ۋە سۈرىيەنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىشى ۋە قايتا قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا بەل باغلىدۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تەخمىنەن 25 يىلدىن بۇيان سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبىرى بولغان بەششار ئەسەد ئۆتكەن يىلى دېكابىردا رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، 1963-يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بەئس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى. يانۋاردا ئەھمەد شارا رەھبەرلىكىدە يېڭى بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

ئەسەد ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيان، سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رايونلۇق ھەم خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ