ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنستان گازىنى ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش يۆنىلىشىدە، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن زور پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
پرېزىدېنت ئەردوغان 2026-يىلى 22-ماي تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى لۇتفى كىردار يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل تەبىئىي بايلىقلار باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. / Anadolu Agency

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق تەشەببۇسى رامكىسىدا سۈرىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ باشلىنىشى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ نۆۋەتلىك «باكۇ ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان: «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق تەشەببۇسى نەتىجىسىدە سۈرىيەگە گاز يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ باشلىنىشى، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە رايون خەۋپسىزلىكىگە قوشىدىغان تۆھپىسى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىمدۇر» دېدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئەردوغان ئىككى دۆلەتنىڭ بىر چاغلاردا «مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارالغان نۇرغۇنلىغان كەڭ كۆلەملىك تۈرلەرنى بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەزەربەيجان بىلەن باشلىنىپ، گىرۇزىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «باكۇ-تىفلىس-جەيھان» نېفىت تۇرۇبا يولى، «باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم» گاز تۇرۇبا يولى ۋە «تىرانس-ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى» (TANAP) تۈرلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئەردوغاننىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى «ئازەرى-چىراغ-گۈنەشلى» ۋە «شاھ دېڭىز» تۈرلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان. «شەپەق-ئاسىمان» كان رايونىدىكى يېڭى شېرىكچىلىك بولسا، ئىككى تەرەپلىك ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

جۇمھۇر رەئىس ئۆتكەن يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئىغدىر-نەھچىۋان» تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ نەھچىۋان رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. جۇمھۇر رەئىسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە بۇلغارىيە بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان «يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈش ۋە سودا» تۈرىنىڭ رايوننىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تۆھپە قوشۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

رايون خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە لىنىيەلىرى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، تۈركمەنستان گازىنى ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنىڭ ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنداقلا، ئۇ «باكۇ-تىفلىس-جەيھان» تۇرۇبا يولىنىڭ قازاقىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى غەرب بازارلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈنسېرى كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمدارلىقى ۋە مۇھىت ئاسراشنى تۇتقا قىلىش پىرىنسىپلىرىغا تايانغان ھالدا، قايتا ھاسىل بولىدىغان يېشىل ئېنېرگىيەنى ھەمدە ئېنېرگىيەنىڭ بارلىق باشقا ساھەلىرىدە ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدىغان ئىستراتېگىيە يولىنى تۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇمھۇر رەئىس يەنە، تۈركىيەنىڭ 9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان  31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى «COP31» باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئارقىلىق، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقلىم ھەرىكىتى ساھەسىدىكى يېتەكچى ۋە ئۈلگىلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى