ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
دېموكراتلار مىليارد دوللار تاموژنا بېجىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى
دېموكرات ئىشىتات باشلىقلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجى توغرىسىدا «قانۇنسىز» دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۆلەم تەلەپ قىلدى. بۇ ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن يىغىلغان مىليارد دوللارنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
دېموكراتلار مىليارد دوللار تاموژنا بېجىنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى
ۋالىي جېي بى پىرىتزكېر 2025-يىلى 6-ئۆكتەبىر چىكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. ئا پ. / AP

ئىللىنوئىس ئىشىتاتىنىڭ باشلىقى جېي بى پىرىتزكېر (JB Pritzker) جۈمە (2026-يىلى 20-فېۋرال) كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى تاموژنا بېجىنى قانۇنسىز دەپ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، دونالد ترامپقا ئىشىتاتتىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن 9 مىليارد دوللارغا يېقىن باج قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بىر تالون ئەۋەتتى.

پىرىتزكېر ئالىي سوتنىڭ 6 گە قارشى 3 ئاۋاز بىلەن چىقارغان، ترامپنىڭ جىددىي ھالەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يەر شارى سودىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرگەن ۋە دۆلەت ئىچىدە مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇشتا ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكمىدىن كېيىن، ئاقساراينى «پۇلنى تۆلەپ بېرىش» كە چاقىردى.

ئۇ: «سىزنىڭ تاموژنا بېجىڭىز دېھقانلارنى ۋەيران قىلدى، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ۋە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنى ئاسمانغا چىقاردى» دەپ يازدى ھەمدە ئەگەر تۆلەم بېرىلمىسە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇنىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ھەمبەھرلەنگەن بۇ مەكتۇپتا، پىرىتزكېر ئىللىنوئىس ئىشىتاتىدىكى ھەر بىر ئائىلىگە تەخمىنەن 1700 دوللاردىن تۆلەم تەلەپ قىلغان. يالې ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسلىرى ئۆتكەن يىلى بىر ئامېرىكا ئائىلىسىنىڭ تاموژنا باجلىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىچە ئاشۇنچىلىك پۇل تۆلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump, Vance unleash assault on 'disloyal' Supreme Court justices after tariff ruling

پىرىتزكېر ئىستېمالچىلار تارتىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن سىياسىي ۋە ماددىي جەھەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلغان بىردىنبىر كىشى ئەمەس.

جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، كالىفورنىيە ئىشىتاتىنىڭ باشلىقى گاۋىن نيۇسوم (Gavin Newsom) ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ئارقىلىق يىغىلغان پۇللارنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ يانچۇقىدىن چىققانلىقىنى، شۇڭا قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «دونالد ترامپ، ھېسابنى ئۈزۈش ۋاقتى كەلدى. بۇ باجلار، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن ۋە ئىشچى ئائىلىلىرىگە زىيان سالغان قانۇنسىز تالان-تاراج قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سىز بۇ ئارقىلىق ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقلارنى ۋەيران قىلدىڭىز ۋە ئۇلارنى بوزەك قىلدىڭىز. قانۇنسىز ئېلىنغان ھەر بىر دوللار ئۆسۈمى بىلەن دەرھال قايتۇرۇلۇشى كېرەك. پۇلنى قايتۇر!» دېدى.

پىرىتزكېر بىلەن نيۇسوم 2028-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى دېموكراتلارنىڭ يوشۇرۇن كاندىداتلىرى دەپ قارالماقتا.

كىمنىڭ پۇلى؟

ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى مۇرەككەپ قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي رېئاللىققا خەلقچىل تۈس قوشتى.

ئۆتكەن يىلى (2025) ئاپرېلدا چوڭ داۋراڭ بىلەن ئېلان قىلىنغان ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرى ئارقىلىق ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن 130 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل يىغىلدى. بۇ ئارتۇقچە چىقىمنىڭ كۆپ قىسمى يۇقىرى باھا ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا يۈكلەندى.

مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت (Scott Bessent) ئادەتتىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ بىۋاسىتە تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US Supreme Court strikes down Trump's tariffs in landmark rebuke of executive power

ئېھتىماللىققا ئىگە قايتۇرۇلىدىغان پۇلنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن زور. كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە پېن-ۋارتون بيۇجېت مودېلى (Penn-Wharton Budget Model) قايتۇرۇلىدىغان پۇلنىڭ جەمئىي 175 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى، ئەمما بۇ پۇلنى ئاخىرىدا كىمنىڭ تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ترامپ ھەر قانداق پۇل قايتۇرۇش باسقۇچىنىڭ ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

بۇ،  79ياشلىق بۇ جۇمھۇرىيەتچى پىرېزىدېنتنىڭ ئۆتكەن يىلى بىر قانچە قېتىم ئېلان قىلغان «كۆپ پۇل تېپىۋاتىمىز، مىليونلىغان ئامېرىكالىقلار باھادا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ» دېگەن باياناتلىرىدىن ئۈمىدلىنىپ، تاموژنا بېجىدىن «پايدا» ئېلىشنى كۆزلىگەنلەر ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولدى.

ترامپ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن كونسېرۋاتىپ سوتچى برېت كاۋانو (Brett Kavanaugh) جۈمە كۈنىدىكى سوت ھۆكمىدە، «ھۆكۈمەتنىڭ ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن يىغقان مىلياردلىغان دوللارنى قايتۇرۇپ بېرىش-بەرمەسلىكى، ئەگەر قايتۇرسا قانداق قايتۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھېچنەرسە يوقلۇقى» نى تىلغا ئالدى.

نىيۇ يورك ئىشىتاتىنىڭ دېموكراتچى باشلىقى كەيتى خوكۇل (Kathy Hochul) ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىنى «ئىشچان ئائىلىلەر، دېھقانلار ۋە كىچىك كارخانىلارغا سېلىنغان، يېمەكلىكتىن تارتىپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغىچە بولغان ھەممە ماللارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن قانۇنسىز ئارقا ئىشىك بېجى» دەپ ئاتىدى، ئەمما پۇل قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - California becomes 1st state to sue Trump over tariffs

 

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى