سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئامېرىكا بازىسىغا چۈشتى، 12 ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلاندى، بىر قانچە ئايروپىلان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىيادنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خەرج رايونىغا جايلاشقان شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەن بولۇپ، بۇ 28-فېۋرال (2026) ئىران ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى ئامېرىكا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر. ھۇجۇمدا ئامېرىكانىڭ بىر قانچە ماي قاچىلاش ئايروپىلانىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان.

«ۋال كوچىسى گېزىتى» (The Wall Street Journal) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەمەلدارلار بۇ ھۇجۇمدا ئۇچقۇلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ھۇجۇم رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى. ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىران بىلەن ئۇرۇش باشلانغان تۆت ھەپتە ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) ئۇرۇشنىڭ يەنە «ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە» داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى، ھەمدە ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان پاراخوتلاردىن باج (تۆلەم) ئېلىشىنى توسۇشنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئاساسلىق خىرىس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ خىل ھەرىكەتنى «قانۇنسىز» ۋە «دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك» دەپ ئاتىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە يەنە ئىرانغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن بىر ۋارىل نېفىت باھاسى 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە زەربە بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى نەتىجىسىدە ئامېرىكا پاي چېكى بازارلىرى تۆۋەنلىدى.

يەمەندە، خۇسىيلار ئۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئېھتىماللىقىدىن بېشارەت بەردى. دۆلەتنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىۋاتقان بۇ گۇرۇپپا، ئەگەر باشقا دۆلەتلەر تېھرانغا قارشى جەڭگە قاتناشسا ياكى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قىزىل دېڭىزدىن ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن پايدىلانسا، «بىۋاسىتە ھەربىي زەربە بېرىش ئۈچۈن بارمىقىمىز تەپكىدە تۇرىدۇ» دېدى.

جۈمە كۈنى ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتمەكچى بولغان ئۈچ پاراخوتقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ترامپنىڭ تېھرانغا بوغۇزنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن بەرگەن مۆھلىتىنى ئۇزارتقاننىڭ ئەتىسى يۈز بەردى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىماي، ئىران دۇنيا نېفىت ۋە گاز ئېقىشىنىڭ مۇھىم تومۇرى بولغان بۇ بوغۇزنى كونترول قىلماقتا، بۇ ۋەزىيەت پۈتۈن دۇنيا بازارلىرىدا ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا.

ئىران ئۆز زېمىنىغا قىلىنغان ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرى جايلاشقان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان دولقۇنسىمان ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ جەرياندا ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئۇل-ئەسلىھە زىيانلىرى كۆرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Witkoff says Iran talks to take place 'this week' as Trump claims deal within reach
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى