خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئاق ساراي ۋانسنىڭ پاكىستان زىيارىتىنىڭ ھازىرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
مەزكۇر بايانات، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىران بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۈچۈن ئىسلامئابادقا بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىندى.
ئاق ساراي ۋانسنىڭ پاكىستان زىيارىتىنىڭ ھازىرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئاق ساراي ۋانسنىڭ پاكىستان زىيارىتىنىڭ ھازىرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى / Reuters

ئاق ساراي ئەمەلدارى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانسنىڭ (JD Vance) ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۈچۈن پاكىستانغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەرلەردە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىران تەرەپتىن بىرلەشمە بىر تەكلىپ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان 'Truth Social' دىكى يازمىسىنى  مەنبە قىلىپ، «پاكىستان سەپىرى بۈگۈن ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى، پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ۋاشىنگتوننىڭ تېھرانغا «بىرلەشمە تەكلىپ» تەييارلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىش مەقسىتىدە ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ بايانات، ۋانسنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بىر ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىران بىلەن يۈزمۇيۈز ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىسلامئابادقا بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان پەيتتە ئېلان قىلىندى. لېكىن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سەپەر ئاق سارايدىكى قوشۇمچە سىياسىي يىغىنلار سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن.

بۇ سۆھبەتلەر، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىنكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەت بولۇپ ھېسابلىناتتى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش مۆھلىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump extends Iran ceasefire to give Tehran more time to negotiate
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى