خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۇداندا تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملار خارتۇم ئايرودۇرۇمىغا ئئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى
خارتۇم ئايرودۇرۇمى يېرىم ھەربىي تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملىرى (RSF) قىسىملىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن قايتا نىشانغا ئېلىنغان بولسىمۇ، سۇدان خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى ئايرودۇرۇمدا ئېغىر زىيان يوقلۇقىنى دەلىللىدى.
سۇداندا تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملار خارتۇم ئايرودۇرۇمىغا ئئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى
https://www.trtworld.com/article/24342e1b31f3 / AP

يېرىم ھەربىي تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملىرى (RSF) پەيشەنبە كۈنى سۇداننىڭ خارتۇم خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئۇدا ئۈچىنچى كۈنى يېڭى بىر قېتىملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىدى.

سۇدان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شاھىتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يەتتە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئايرودۇرۇمغا ۋە جەنۇبتىكى قوشنا مەھەللىلەرگە ھۇجۇم قىلغان، بۇ ھۇجۇم ئاھالە ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئايرودۇرۇمدا پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملىرى سەيشەنبە كۈنى ئايرودۇرۇمغا ۋە خارتۇم ئۆلكىسىدىكى باشقا مۇھىم نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان. بۇ ھۇجۇملار ئايرودۇرۇمنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تاقاق تۇرغاندىن كېيىن قايتا ئېچىلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن.

ئايرودۇرۇم چارشەنبە كۈنى تۇنجى پۇقرالار يولۇچىلار ئايروپىلانىنى قوبۇل قىلغان.

«راكوبا خەۋەرلىرى» گە سۆز قىلغان خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن ئايرودۇرۇمدا چوڭ زىيان كۆرۈلمىگەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان يېقىنقى ھۇجۇملار تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملىرى بىلەن سۇدان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇ ئۆزگىرىش، قۇرۇقلۇق توقۇنۇشىدىن ھەربىي ۋە سىياسىي بېسىم ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلاردىن پايدىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن.

بۇ خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىسيانچى گۇرۇپپىدىن دەرھال بىر بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئارمىيە بىلەن تېز ھەرىكەت قوللىغۇچى قىسىملىرى 2023-يىلى 4-ئايدىن بېرى ئۇرۇش ھالىتىدە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇرۇش 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە 14 مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - RSF drone strikes hit Khartoum Airport ahead of planned reopening

ئىزدىنىڭ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز