مالايشىيا 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەشنى ئويلاشماقتا
مالايشىيا 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەشنى ئويلاشماقتامالايشىيا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان تور جىنايەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە.
مالايسىيادىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ %72 ى بالىلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش كېرەكلىكىگە قوشۇلدى. / AP

مالايشىيا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر ئەندىشىلەر تۈپەيلىدىن، كېلەر يىلدىن باشلاپ 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى ئېچىشىنى چەكلەشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

مالايشىيا ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى فاھمى فازىل يەكشەنبە كۈنى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ توردا ياش چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مالايشىيانىڭ «The Star» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان سىنئالغۇدا مۇنداق دېدى: «بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ كېلەر يىلى ھۆكۈمەتنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ھېسابات ئېچىشىنى چەكلەش قارارىغا بويسۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شۇڭلاشقا، ئەگەر ھۆكۈمەت، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا، مالايشىيادا ئىنتېرنېتنىڭ تېز بولۇشىغىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلار ۋە ئائىلىلەر ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

مالايشىيا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتتى. بۇ تەدبىرلەر دائىرىسىدە، يانۋاردا يولغا قويۇلغان يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەتتە سەككىز مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى بولغان سۇپىلار ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئىجازەتنامە ئېلىشى شەرت قىلىندى.

ئۆكتەبىردە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھېسابات ئېچىش جەريانىدا ئابونتلارنىڭ يېشىنى دەلىللەيدىغان مۇۋاپىق مېخانىزملارنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا مىقياسىدىكى قاتتىق تەدبىرلەر

سېنتەبىردە يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان «Ipsos Malaysia Education Monitor 2025» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيادىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ %72 ى بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىن پايدىلىنىشىنى چەكلەشنى قوللايدىكەن.

ئاۋسترالىيەدە فېيسبۇك، ئىنستاگرام ۋە تىكتوكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى 10-دېكابىردىن باشلاپ 16 ياشتىن تۆۋەن ئابونتلارنىڭ ھېساباتلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلىنىدىكەن، ئەكسىچە بولغاندا ئېغىر جەرىمانىگە ئۇچرايدىكەن.

يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى كرىستوفېر لۇكسونمۇ بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىشىنى چەكلەيدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاتا-ئانىلارغا تىكتوك ۋە سناپچاتقا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنى 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دانىيە، فىرانسىيە، گىرېتسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەش دۆلەت، ئابونتلارنىڭ يېشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ توردا زىيانلىق مەزمۇنلارغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل ئۇسۇلنى سىناق قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ