سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ تاتارىستانغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى يارىلاندى
رۇسىيەگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى ئەلمىر ئاباشېۋ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا نىجنېكامسك (تۈبېنكاما) شەھىرىدە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ تاتارىستانغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى يارىلاندى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ تاتارىستانغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى يارىلاندى

ئاباشېۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تاتارىستانغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن بىرىنىڭ نىجنېكامسك شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە تەگكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئاباشېۋ: «ھۇجۇمدا 4 كىشى يارىلاندى ۋە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يارىلانغانلار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا» دېدى.

تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى  جۇمھۇر رەئىسى رۇستەم مىننىخانوۋمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا زاكامىيە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىننىخانوۋ: «كارخانىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسى توختاپ قالمىدى» دەپ چۈشەنچە بەردى.

200 دىن ئارتۇق ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، كېچىدە ئۇكرائىناغا تەۋە 231 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ موسكۋانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك رايونلار ۋە ئازوۋ دېڭىزى ئۈستىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىنمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېچىدىن بۇيان موسكۋاغا قاراپ ئۇچۇپ كەلگەن 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ