خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
2009-يىلى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە بىر ئويۇنخانىغا قەستەن ئوت قويۇپ، 5 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان مەھبۇس دارغا ئېسىلدى. مەزكۇر جىنايەتچى ياپونىيەدە 2025-يىلى 6-ئايدىن بۇيان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان تۇنجى مەھبۇس بولۇپ قالدى.
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
ياپونىيەدە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ (Kyodo) خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە 5 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان 58 ياشلىق سۇنائو تاكامى (Sunao Takami) ئىسىملىك مەھبۇسقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى  ھۆكۈمى دارغا ئسېىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان.

ياپونىيە ئەدلىيە مىنىستىرى خىروشى خىراگۇچى (Hiroshi Hiraguchi) ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دىققەت ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن قىلغان باھالاشلىرىمدىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق بەردىم» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تاكامى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى بىر ئويۇنخانىنىڭ يېرىگە بېنزىن چېچىپ قەستەن ئوت قويغان بولۇپ، بۇ پاجىئەدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە 10 كىشى يارىلانغان ئىدى. ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى 2016-يىلى رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مەملىكەت بويىچە 2025-يىلى 6-ئايدىن بۇيان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان تۇنجى مەھبۇس بولۇپ قالدى.

بۇنىڭدىن سىرت، تاكامىنىڭ دارغا ئېسىلىشى نۆۋەتتىكى «ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى (Sanae Takaichi) ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئىجرا قىلىنغان تۇنجى ئۆلۈم جازاسى» سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىندى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى