تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندىتۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «مۇداپىئە ھەمكارلىقى يول خەرىتىسى» كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
ئەنقەرە بىلەن پارىژ نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇ يول خەرىتىسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىمەكتە.

تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «مۇداپىئە ھەمكارلىقى يول خەرىتىسى» كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق قەدەملىرىنى تاشلاش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنقەرە بىلەن پارىژ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ دائىرىدە، فىرانسىيە ئارمىيەسى ۋە پېنسىيونېرلار مىنىستىرىنىڭ ۋەكىلى ئالىس رۇفو (Alice Rufo)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھەربىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گېنېرال ۋىنسېنت گىراۋۇد (Vincent Giraud) ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىستراتېگىيە باش مۇدىرى گۇىللايۇم ئوللاگنىئېر (Guillaume Ollagnier) قاتارلىقلار بىلەن كەڭ كۆلەملىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.

سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ مۇساپىلىرى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. تەرەپلەر مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسەتلىرىنى باھالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەرەللىك ۋە نەتىجىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

 بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى «مۇداپىئە ھەمكارلىقى يول خەرىتىسى» كېلىشىى نىڭ ئىمزالىنىشى بولۇپ، مەزكۇر قەدەم ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگنى ئورگان خاراكتېرلىك رامكىغا تۇرغۇزۇشنى نىشان قىلماقتا.

مەزكۇر ئىمزا مۇراسىمى يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە ۋە فىرانسىيە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۆزئارا ئىجابىي سىگناللارنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە ئەمەلىي ھەمكارلىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يول خەرىتىسى كېلىشىمى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەتىگە تايانغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە رايونلۇق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ يېقىن دىيالوگ مېخانىزمىنى يولغا قويۇش نىشان قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە