خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى پىكىر تەكشۈرۈشلىرى ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت كۆپ سانلىقىنى قولدىن بېرىپ قويدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن / Reuters

دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېلان قىلدى.

بېنيامىن نېتانياھۇ ۋەزىپە مۇددىتى بويىچە غەززەدە ياكى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. نېتانياھۇنىڭ بۇ باياناتى بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى رەھبىرى ئامىن ئابباسنىڭ پەلەستىننىڭ دېمىسىمۇ بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكاغمۇ ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقىدا بولۇشىغا جاۋابەن ئېلان قىلىندى.

شەنبە كۈنى تەييىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغان ئابباس، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ تىنچلىقنى تەكىتلىگەن ئىدى. نېتانياھۇ بولسا "مەن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدە بولغان مۇددەت بويىچە ئىران تىزگىنىدىكى بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلمايدۇ" دېگەن سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

باياناتلار 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مۇداەتتىن بۇرۇنقى سايلام ئالدىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇلاھىزىلەر نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇد پارتىيەسى ۋە ھاكىمىيەت ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنتتا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 61 ئورۇندۇقلۇق كۆپ سانلىقنىڭ ئىنتايىن ئارقىسىدا قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. نۆۋەتتە 32 ئورۇندۇققا ئىگە لىكۇدنىڭ ئاۋازلىرىنىڭ ئاخىرقى مۇلاھىزىلەردە تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە، Kanal 13 نىڭ 19-ئاۋغۇستتا ئېلان قىلغان ئاممىۋى پىكىر تەتقىقاتىمۇ نېتانياھۇ گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ئورۇندۇق سانىنى 51 دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Netanyahu seeks reserved positions for three ministers on Likud election list
ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى