ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
ترامپ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجىنى كېلەر ھەپتە ئىلگىرى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان %15 تىن %25 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن / Reuters

رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن بىر ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىدىغان ئاپتوموبىل ۋە يۈك ماشىنىلىرىغا ئېلان قىلغان باج ئۆستۈرۈشى گېرمانىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن 17.58 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

كىئېل دۇنيا ئىقتىسادى ئىنستىتۇتىنىڭ (IfW) شەنبە كۈنىدىكى مۆلچەرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولغان گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا مىلياردلىغان دوللار زىيان تارتىپ، ئامېرىكا ئىمپورت بېجىغا نىسبەتەن قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتا.

دۇنيا ئىقتىسادى ئىنستىتۇتىنىڭ (IfW)  باشلىقى مورىتز شۇلارىك: "ئۇنىڭ تەسىرى ئېغىر بولىدۇ" دەپ ئەسكەرتتى، ئىنستىتۇتنىڭ ئانالىزىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش زىيىنىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە تەخمىنەن 30 مىليارد ياۋروغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ جۈمە كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپتوموبىل بېجىنى كېلەر ھەپتە ئىلگىرى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان %15 تىن %25 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

دۇنيا ئىقتىسادى ئىنستىتۇتىنىڭ (IfW) ئىقتىسادشۇناسى جۇلىيان ھىنز: "گېرمانىيەنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاجىزلىغان ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى قاتتىق زەربىگە ئۇچرايدۇ" دېدى.

ئىنستىتۇت گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %0.8 ئۆسىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئىنستىتۇت يەنە ئىتالىيە، سلوۋاكىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق مۇھىم ئاپتوموبىل ساھەسىگە ئىگە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ترامپ مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

جېنس سۇدېكۇم رويتېرسقا بەرگەن باياناتىدا: "ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرچە پەقەت كۈتۈشى ۋە كۆرۈشى كېرەك. ترامپنىڭ كۆز بويايدىغان باج تەھدىتلىرىنى تېزلىكتە توختىتىپ قويىدىغانلىقى ياكى قايتۇرىۋالىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان" دېدى.

سۇدېكۇم، پىرېزىدېنتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتىكى سودا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمىغان دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى باج تەھدىتىنىڭ قانۇنىي ئاساسى بار-يوقلۇقىنىڭمۇ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

مەسلىھەتچى: "بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى زەردە بىلەن قىلىنغان سۆزلەردەك كۆرۈنىدۇ" دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump orders new tariffs on pharmaceutical products, metals
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى