پىيوڭياڭ سېئۇل بىلەن بولغان جىددىيلىك ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە، يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى سىناق قىلغانلىقىنى ۋە يىراق مۇساپىلىق قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
شىمالىي كورېيە يېڭىدىن لايىھەلەنگەن ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سىناق قىلدى. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ پەيشەنبە (2026-يىلى 5-نويابىر) كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر خەۋىرى، كورېيە يېرىم ئارىلىدا ھەربىي ھەرىكەتلەر كۈچەيگەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يېڭى ھەربىي مانېۋىر سۈپىتىدە خاتىرىلەندى.
شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىناق چارشەنبە كۈنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گېنېرال كىم جوڭ سىكنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا قىلىنغان.
ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مانېۋىر، سىستېمىنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى، نىشاننى بايقاش ۋە ئىز قوغلاش ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى نىشانغا يېتەكلەش ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى دەلىللەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ بايانات جەنۇبىي كورېيە پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنى دېڭىزغا قارىتىپ نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى دەپ ئەيىبلەپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە ئېلان قىلىندى.
يىراق مۇساپىلىق قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى
شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونىدا يىراق مۇساپىلىق ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان بىر ئارمىيە قىسىمى ئوق ئېتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگە، ئەمما مانېۋىرنىڭ ئېنىق ئورنى ئاشكارىلانمىغان.
تەۋسىيە




















