سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
ئىسلامئابادنىڭ تارلايى رايونىدا جۈمە نامىزى جەريانىدا قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى. پارتلاشتا 30 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 160 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
پاكىستان بىخەتەرلىك ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئىسلامئاباد شەھىرىدە بىر مەسچىتتە پارتلاش يۈز بەرگەن مەسچىت ئالدىدا، 2026-يىلى 6-فېۋرال جۈمە، ئا پ. / AP
13 سائەت بۇرۇن

پاكىستان ئىسلامئابادتىكى مەسچىتتە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ھىندىستاننى ئەيىبلىدى؛ يېڭى دېھلى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدىكى بىر شىئە مەسچىتىدە جۈمە نامىزى جەريانىدا ئادەم بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، ئاز دېگەندە 31 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 169 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىر ئىشخانىسى بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈچۈن «ھىندىستان ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىرى» نى ئەيىبلىدى.

پارتلاش ئىسلامئابادنىڭ شەھزاد شەھەرچىسى رايونىدىكى شىئە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامبارگاھ مەسچىتىدە يۈز بەرگەن.

بىر خەۋپسىزلىك مەنبەسى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP)  ئا ف پ غا: «ھۇجۇمچى دەرۋازا ئالدىدا توسۇۋېلىنغاندا ئۆزىنى پارتلاتقان» دېدى.

بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى پارتلاش جۈمە نامىزىدىن كېيىن، يەنى مەملىكەت مىقياسىدىكى مەسچىتلەر نامازخانلار بىلەن لىق تولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ «تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈردى.

پاكىستان ھىندىستاننى ئەيىبلىدى

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا ئاسىف ھىندىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ بۇ ھۇجۇمغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلغان ئېكس ئادرېسىدىكى يازمىسىدا: «ھۇجۇمغا چېتىشلىق تېررورچىنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ-كەلگەنلىكى ئىسپاتلاندى، ھىندىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىل بىرىكتۈرۈش ئاشكارىلانماقتا» دېدى.

باش مىنىستىر شاھباز شەرىفنىڭ باياناتچىسى مۇشەررەف زايدىمۇ ئىسلامئابادتىكى ئىمامبارگاھ مەسچىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ «ھىندىستان تەرىپىدىن پىلانلانغان بىر يۈرۈش قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھىندىستان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

ھىندىستان پاكىستاندىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۆزىنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۈگۈن ئىسلامئابادتىكى بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك، ھىندىستان بۇ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرىدۇ» دېدى.

مىنىستىرلىق يەنە، پاكىستان تەرەپنىڭ ھىندىستاننى ئەيىبلىگەنلىكىنى «مەنىسىز» دەپ رەت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسمۇ بۇ ھۇجۇمنى «ئەڭ قاتتىق شەكىلدە» ئەيىبلىدى.

رەزىل جىنايەت

باش مىنىستىر شاھباز شەرىف پارتلاشنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھسىن ناقۋىغا ۋەقەنى «ئەتراپلىق» تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلارنى «تېزدىن» ئېنىقلاپ چىقىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى.

 شەرىف: «پارتلاشنى سادىر قىلغۇچىلار ئېنىقلىنىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. ھېچكىمنىڭ مەملىكەتتە زوراۋانلىق ۋە مۇقىمسىزلىق تېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار قاتتىق تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: «مەسچىتلەرنى ۋە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان رەزىل جىنايەت ۋە ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا قوپاللىق بىلەن خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. بۇ ۋەھشىيلىك بىزنى قورقىتالمايدۇ، ئەسەبىيلەر تولۇق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.»

تۈركىيە ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى نسوسيال (NSosyal)  دا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «بۈگۈن ئىسلامئابادتا جۈمە نامىزى جەريانىدا بىر مەسچىتتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

 باياناتتا يەنە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا پاكىستان بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيە

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارى ۋە باش مىنىستىر شەرىفكە ئەۋەتكەن تەزىيە تېلېگراممىسىدا، بۇ قانلىق ھۇجۇمنى «ۋەھشىيلىك» دەپ ئاتىدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ پاكىستان خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كرېمىل سارىيىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن: «دىنىي ئىبادەت جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى تېررورلۇقنىڭ ۋەھشىي ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ماھىيىتىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر» دېگەن.

ئۇ تەزىيەسىدە، موسكۋانىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا پاكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تەييار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەۋپسىزلىك جەھەتتە تېخىمۇ زىچ ماسلىشىش سىگنالىنى بەردى.

ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئەزەربەيجان، ئىران ۋە خىتاي قاتارلىق باشقا بىر قانچە دۆلەتلەرمۇ پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Wedding blast kills at least five in Pakistan, police suspect suicide bombing
ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدا تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئەرەب دىپلوماتلىرى قاتنىشىدىغان ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى ئۆتكۈزىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەركىزىي بانكىغا يېڭى مۇئاۋىن رەئىسلەرنى تەيىنلىدى
ياپونىيەدە قاتتىق قار يېغىش نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 30 غا يەتتى
سۈرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ي پ گ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قامىشلىغا كىردى
ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئامېرىكا باش ئەلچىسى، ئېپىستىين بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى
نىگېرىيە قىسىملىرى بوكو ھارامنىڭ ئاتالمىش قوماندانىنى ۋە باشقا 10 تېررورچىنى ئۆلتۈردى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران جىددىيچىلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن جىمجىت دىپلوماتىيە سىگنالى بەرمەكتە
جەنۇبىي كورېيە نوردىك رايونى بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى «قاتتىق» ئەيىبلىدى
سابىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى باراك ئېپشتېيننىڭ نىيۇيوركتىكى ئارامگاھىدا كۆپ قېتىم تۇرغان
ترامپنىڭ نېفىت ئېمبارگوسى كۇبا مىقياسىدا يېقىلغۇ كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا غەززەدە يەنە ئاز دېگەندە 12 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ھېندونېزىيەدىكى يەر كۆچۈش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 64 كە يەتتى
ترامپ كېۋىن ۋارشنى ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسەتتى