تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەمىنە ئەردوغان: «نۆل تاشلاندۇق» كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان 183 دۆلەتتىن كەلگەن قاتناشقۇچىلارغا خىتاب قىلىپ، «نۆل تاشلاندۇق» ھەرىكىتىنىڭ كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تەكىتلىدى.
ئەمىنە ئەردوغان: «نۆل تاشلاندۇق» كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى
ئەمىنە ئەردوغان نۆل تاشلاندۇق مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

تۈركىيەنىڭ بىرىنچى خانىمى ئەمىنە ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق نۆل تاشلاندۇق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، «نۆل تاشلاندۇق» ھەرىكىتىنى كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ ئۇل تېشى دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى جۈمە (2026-يىلى 5-ئىيۇن) كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەمىنە ئەردوغان دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك مۇھىت كۆرۈشۈشلىرىدىن بىرى دەپ تەرىپلەنگەن بۇ يىغىندا «ئوخشىمىغان جۇغراپىيە» لەردىن كەلگەن ئىشتىراكچىلار بىلەن جەم بولغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمىنە ئەردوغان 5-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇنبەرگە باشچىلىق قىلماقتا. ئۇ يەنە ب د ت يۇقىرى دەرىجىلىك نۆل تاشلاندۇق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە «نۆل تاشلاندۇق ۋەخپى» نىڭ پەخرىي رەئىسىدۇر.

ئەمىنە ئەردوغاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى بۇ پائالىيەت 183 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنى، 500 دىن ئارتۇق ئورگان ۋە تەشكىلاتنى ھەمدە 5000 دىن ئارتۇق ئىشتىراكچىنى بىر يەرگە جەم قىلغان.

بۇ يىللىق يىغىن «ئانتاليادىن ئۆتكەن يول: كىلىمات ھەرىكىتى سۈپىتىدە نۆل تاشلاندۇق» دېگەن شۇئار بىلەن COP31 (ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى) غا تەييارلىق قىلىش مۇساپىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەمىنە ئەردوغان كىلىمات كىرىزىسىنىڭ چېگرا تونۇمايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە كوللېكتىپ ھەل قىلىش چارەىرىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ «نۆل تاشلاندۇق» ھەرىكىتىنى پەقەت بىر تاشلاندۇق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى دەپلا ئەمەس، بەلكى ئۈنۈملۈك كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي شەكلى دەپ چۈشىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇھىت قوغداش پائالىيەتچىلىرى COP31 دىن ئىلگىرى ئىستانبۇلدا جەم بولدى

ئەمىنە ئەردوغان «نۆل تاشلاندۇق ۋەخپى» گە، بۇ مۇنبەرگە ھەمكارلاشقان مىنىستىرلىقلارغا، ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە ۋە مۇنبەرنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىپ، شەكىللەنگەن «بىرلەشمە كۈچ» نىڭ ئورتاق كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى باشلىنىشلارغا تۆھپە قوشۇشىنى تىلىدى.

بۇ مۇنبەر ب د ت مۇھىت پىلانى (UNEP) ۋە ب د ت ئولتۇراقلىشىش پىلانى (UN-Habitat) قاتارلىق ب د ت ئورگانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. «ئانتاليادىن ئۆتكەن يول: كىلىمات ھەرىكىتى سۈپىتىدە نۆل تاشلاندۇق» باش تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇنبەر، تۈركىيە نويابىردا ئانتاليادا ساھىبخانلىق قىلىدىغان COP31 غا قاراپ دۇنياۋى ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.

مۇنبەر ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا مىنىستىرلار، شەھەر باشلىقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ب د ت ئەمەلدارلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خۇسۇسىي ساھە ۋەكىللىرى، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاكادېمىكلار بار.

مۇنبەردە، ئايلانما ئىقتىساد ۋە بايلىق ئۈنۈمى، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى ۋە مېتاننى ئازايتىش، ئېنېرگىيە ۋە سانائەتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل شەھەرلەر ۋە يەرلىك ھەرىكەت، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە نۆل تاشلاندۇق ھەل قىلىش چارەلىرىنى كېڭەيتىش ھەمدە تاشلاندۇق باشقۇرۇش تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىقلار قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ۋە تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق ھەمدە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى مەركەز قىلغان ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پائالىيەت دۇنياۋى تاشلاندۇق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىلىغا 2.1 مىليارد توننىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە 2050-يىلىغىچە ئىككى ھەسسە كۆپىيىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ب د ت  2022-يىلى تۈركىيەنىڭ تۈرتكىسىدە 30-مارتنى «خەلقئارا نۆل تاشلاندۇق كۈنى» دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ خىزمەتلەرنى 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى