تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ھاماسنىڭ ئىنكاسىنى قوللىدى ۋە غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى ترامپنىڭ غەززە پىلانىغا بويسۇنۇشقا چاقىرىپ: «ھاماسنىڭ بۇ پىلانغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىجابىي ۋە مۇھىم قەدەم» دېدى.
ئەردوغان ھاماسنىڭ ئىنكاسىنى قوللىدى ۋە غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
ئەردوغان: «ھاماسنىڭ ئىنكاسى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىجابىي ۋە مۇھىم قەدەم» دېدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ھاماسنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىجابىي ۋە ئۇزۇن تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى مۇھىم قەدەم» دېدى ۋە ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىپ، ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا بويسۇنۇشىدۇر.»

ئۇ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاماسنىڭ بارلىق ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنى غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «غەززەگە دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش، دۇنيا ۋىجدانىنى چوڭقۇر يارىلىغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، بۇ نومۇسلۇق ئەھۋالنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەرھال مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ سۆھبەتلەرنىڭ «پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شەكىلدە» ئاخىرلىشىشىنى، خەلقئارا جەمئىيەت قوللىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ھاماسنىڭ ئىنكاسى «غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ۋە رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى قوللايدىغانلىقى» تەكىتلەندى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا بارلىق تەرەپلەرنى دەرھال سۆھبەتنى باشلاشقا چاقىرىپ، «ئىسرائىلىيە غەززە خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.

مىنىستىرلىق ئەنقەرەنىڭ سۆھبەتلەرنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا «داۋاملىق ئىجابىي تۆھپە قوشىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ ئىنكاسى

تۈركىيەنىڭ رەسمىي باياناتى ھاماس ترامپنىڭ تەكلىپىگە رەسمىي جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ھاماس بارلىق ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇشقا ۋە غەززەنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەقىل پەلەستىن تېخنىكىلىق بىيۇروكرات ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلغان.

ترامپ ھاماسقا يەكشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى كەچ سائەت 6 گىچە (2200 GMT) ئۇنىڭ پىلانىنى رەسمىي تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ پىلاندا، غەززەنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئورگان نازارەت قىلىدىغان ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئاستىدىكى قورالسىز رايونغا ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

پىلاندا 72 سائەت ئىچىدە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش، ھۇجۇمنى توختىتىش، غەززەدىكى قوراللىق گۇرۇھلارنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى تەدرىجىي چېكىندۈرۈش قاتارلىقلار بار.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says Hamas ready for 'lasting peace,' demands Israel stop bombing Gaza

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى