تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەدىكى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەشنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئىسرائىلىيە مىنىستىرلىرى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر تەرىپىدىن مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان يېقىنقى بېسىپ كىرىشنىمۇ ئەيىبلىدى.
تۈركىيە بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەدىكى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەشنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەدىكى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەشنى مۇزاكىرە قىلدى / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئەتتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى.

تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىدان ۋە ئابدۇلئەتتى يەكشەنبە كۈنى غەززەدىكى ئېغىر ئىنسانىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنىڭ ئەيىبلىنىشى

تۈركىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا ئىسرائىلىيە مىنىستىرلىرى، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان يېقىنقى بېسىپ كىرىشنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ مۇقەددەس كىملىكىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانى» ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا: «تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ سىستېمىلىق ئىغۋاگەرچىلىكلىرى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى زېمىننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش چاقىرىقلىرى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئاساسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا ۋە تىنچلىق ئۈمىدىگە چوڭقۇر زىيان يەتكۈزمەكتە» دېيىلدى.

تۈركىيە غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشنى قوللاشقا چاقىردى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە