خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان 32 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى ئاستىدا ئاخىرلاشتى.
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى / AFP

موسكۋا بىلەن كىيېۋ بىر-بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. شەنبە كۈنى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش باشلىنىپ ئاران بىر نەچچە سائەتتىن ئۆتكەندە، مىڭدىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە زامبىرەك ھۇجۇمى بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كېچىسى ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ جەمئىي 1971 قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مىنىستىرلىق يەنە ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ دنىپروپېتروۋسك، سۇمى ۋە دونېتسىك رايونلىرىدىكى رۇسىيە بازىلىرىغا قارىتا كېچىدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا باش ئىشتاب باشقارمىسىمۇ ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن تارتىپ يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 22:00 گىچە 7696 قېتىم خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ سانلار ئىچىدە 1355 زامبىرەك ھۇجۇمى، 115 ھۇجۇم ھەرىكىتى ۋە 6226 دانە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىدىغان (كامىكازې) ئۇچقۇ ھۇجۇمى بارلىقى قەيت قىلىندى.

فېۋرال ئېيىدا بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن، بۇ دەۋالارنى مۇستەقىل مەنبەلەر ئارقىلىق دەلىللەش تەس بولماقتا.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلغاندا، ھەربىي قوماندانلىق مەسئۇللىرىغا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كۆرسەتمىسى بەرگەن ۋە ئۇكرائىنا ئەگەر ئىغۋاگرچىلىق قىلسا، موسكۋانىڭ ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلۇشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كىيېۋنىڭمۇ مەزكۇر تەشەببۇسقا قوشۇلۇپ "ئوخشاش شەكىلدە" ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. مەزكۇر ۋەدىلەرگە قارىماي، ئىككى تەرەپ ئوق چىقىرىشنى توختىتىش باشلىنىپ ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتمەستىن تەرەپلەر بىر-بىرىنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Easter ceasefire falters as Russia, Ukraine report widespread violations
ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى