تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
مېكسىكانىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئېچىلىش غەلىبىسىگە، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئازتېكا تەنتەربىيە سارىيىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشلار كۆلەڭگە چۈشۈردى. نامايىشچى گۇرۇپپىلار تەنتەربىيە سارىيىغا كىرىشكە ئۇرۇندى.
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

تەنتەربىيە سارىيىنىڭ 8-نومۇرلۇق دەرۋازىسى ئالدىدا ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلار ئېتىلغان بولۇپ، يەرلىك مەتبۇئاتلار ۋەقەلەر نەتىجىسىدە ئونلىغان كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكا شەھىرى ساقچىلىرى، مۇسابىقە تەييارلىق مۇساپىسىدە ھەپتە بويى ئوقۇتقۇچىلار، پېنسىيونېر سوتچىلار ۋە دۆلەتتە يوقاپ كەتكەن 130 مىڭ كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلگەن ئىدى؛ بىراق تەنتەربىيە سارىيى ئالدىدىكى جېدەل-ماجرانىڭ سىياسىي مەقسىتى يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

دەرۋازىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان نىقابلىق بىر گۇرۇھ ساقچىلارغا خىش، مولوتوف بومبىسى ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئاتتى. ھۇجۇملار سەۋەبىدىن بىرنەچچە ساقچى خادىمى تېببىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.

مېكسىكا پۇقرالار خەۋپسىزلىكى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تەخمىنەن 800 نامايىشچىدىن تەشكىل تاپقان ئىككى گۇرۇپپىدىن ئايرىلىپ چىققان نىقابلىق 200 گە يېقىن كىشى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى، بىراق ۋەزىيەت شەھەر ساقچىلىرى تەرىپىدىن كونترول ئاستىغا ئېلىندى.»

تەنتەربىيە سارىيى ئەتراپىدىكى 3 كىلومېتىرلىق يولنى تااقش بەلگىلىمىلىرىگە قارىماي، كەم دېگەندە ئوخشىمىغان بەش نامايىشچى گۇرۇپپا رايونغا توپلاندى.

بىراق مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش ئىشارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ئېھتىماللىقىغا بولغان ئەنسىرىشلەر ئورۇنسىز چىقتى ۋە مۇسابىقە ۋاقتىدا باشلاندى.

شەھەر مەركىزىدىكى زوكالو مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن FIFA مەستانىلەر بايرىمى (Fanfest) پائالىيىتىمۇ، نامايىشچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىكار قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى كلاۋدىيە شەينباۋم بولسا بېلىتىنى 21 ياشلىق بىر لاتارىيەچىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مۇسابىقىنى تەنتەربىيە سارىيىدا كۆرمىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق