دائېشقا تەۋە يوشۇرۇن گۇرۇھلار ئىراقنىڭ شىمالىي، غەربىي ۋە شەرقىي ۋىلايەتلىرىدىكى تاغلىق ھەم يېزا-قىشلاقلاردا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ گۇرۇھلار پات-پات دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارغا قارىتا «ئۇرۇپ قېچىش» تاكتىكىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ تۇرماقتا.
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋادى زىھەتۇن رايونىدا ئىراق ئارمىيەسىگە ئائىت قىسىملار ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەرياندا، ئىلگىرى يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئەسكەر ئۆلدى.
ئىراق رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى INA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن ئىلگىرى يول بويىغا تۇزاق قىلىپ قويۇلغان پارتلاتقۇچ پارتلىغان. ھۇجۇمدا بىرى ئوفىتسېر، يەنە بىرى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي ئىككى ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان. پارتلاشتىن كېيىنلا ئىراق ئارمىيەسى ۋە فېدېراتسىيە ساقچى كۈچلىرى ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە رايوندىكى باشقا يوشۇرۇن تۇزاقلارنى تازىلاش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىغان.
ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى 2017-يىلى 10-دېكابىر بەرگەن باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي «غەلىبە» قىلىنغانلىقىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ مەملىكەت زېمىنىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان ئىدى. بىراق ھەربىي غەلىبىگە قارىماي، دائېشقا تەۋە يوشۇرۇن گۇرۇھلار تاغلىق ۋە يېزا-قىشلاقلاردا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بولسا تەشكىلات قالدۇقلىرىنى پۈتۈنلەي تازىلاش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.


















