خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكانىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن تاقىدى
يەر شارى نېفىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېقىمىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، پارس قولتۇقىدا يۈزلىگەن پاراخوت بۇ مۇھىم دېڭىز يولىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كۈتمەكتە.
ئىران ئامېرىكانىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن تاقىدى
ئىران ئامېرىكانىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن تاقىدى / Reuters

پاراخوت قاتنىشى مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتمەكچى بولغان سودا پاراخوتلىرىغا ئىران دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن سىمسىز تېلېگراف ئۇچۇرلىرى ئەۋەتىلىپ، ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئىككى پاراخوت بولسا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

بىر كۈن ئىلگىرى دېڭىزچىلارغا ئەۋەتىلگەن ۋە ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، ئەمما پەقەت ئىران بىخەتەر دەپ قارىغان كارىدورلار بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن، نۇرغۇن سودا پاراخوتلىرى بوغۇزدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان پاراخوت قاتنىشى ۋە دېڭىز بىخەتەرلىك مەنبەلىرى، شەنبە كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى پاراخوتنىڭ ئىران كېمىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋەقەلەر كەشم ۋە لاراق ئاراللىرى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن. پاراخوتلار ئۆتۈشنى تاماملىيالماي كەينىگە يانغان.

ئەنگلىيە دېڭىز سودا مەشغۇلاتى (UKMTO) ئورگىنى، ئوماننىڭ 20 دېڭىز مىلى شىمالىي شەرق تەرىپىدە بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىر تانكېر كاپىتانى، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئىككى تېز سۈرئەتلىك كېمىسىنىڭ پاراخوتقا يېقىنلىشىپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. تانكېر بىلەن خادىملارنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىر دېڭىز بىخەتەرلىك مەنبەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر كونتېينېر پاراخوتىمۇ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ نىشانىغا ئايلانغان.

بەزى پاراخوتلار، ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىمسىز تېلېگراف قانىلى ئارقىلىق ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

سىمسىز تېلېگراف ئۇچۇرىدا: «بارلىق پاراخوتلارنىڭ دىققىتىگە! ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەتتىكى ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىقى سەۋەبىدىن ئىران، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن تولۇق تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. تۈرى ياكى تەۋەلىكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھېچقانداق پاراخوتنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېيىلگەن.

دۇنيا نېفىتى ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېقىمىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈدىغان بولۇپ، بۇ ھالقىلىق دېڭىز يولىدىن ئۆتۈشنى كۈتۈۋاتقان يۈزلىگەن پاراخوت ۋە تەخمىنەن 20 مىڭ دېڭىزچى پارس قولتۇقىدا قاپسىلىپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - The unbreakable bond that’s breaking the Middle East
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى