خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
چېگرا ھالقىغان بۇ ھۇجۇم ۋاشىنگتوننىڭ سۆھبەت چاقىرىقى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماستىن، ئېلىپ بېرىلدى.
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى / AP

بۇ چېگرا ھالقىغان ھۇجۇم ۋاشىنگتوننىڭ سۆھبەت چاقىرىقى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماستىن، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا قارىتا ئايلاردىن بېرى داۋاملاستۇرىۋاتقان ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى بولدى.

ئىسرائىلىيە سەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا چېگرا ھالقىغان يېڭى بىر ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا پەرۋا قىلمىدى. قۇنەيترادىكى تاشلىۋېتىلگەن بىر ھەربىي پونكىتنى بومبا بىلەن ۋەيران قىلدى.

سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «ئەل ئىخبارىيە» ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى تانكىسى ۋە ئون ھەربىي ئاپتوموبىلىنىڭ قۇنەيترانىڭ جەنۇبىي يېزا رايونىدىكى سەمدانىيە شەرقىيە يېزىسىغا كىرىپ، تاشلىۋېتىلگەن بازىنى ۋەران قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ياكى سۈرىيە ئەمەلدارلىرىدىن تېخىچە ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US warns Israel not to 'interfere' in Syria

ترامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماسلىق

بۇ ھۇجۇم ئوخشاشلا يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى يېزىغا قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدىن 24 سائەت ئۆتمەي يۈز بەردى. مۇشۇ ئايدىن بېرى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىنى نىشان قىلغان ۋە ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان كۈندىلىك ھۇجۇملىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

دۈشەنبە كۈنى ترامپ تەمكىنلىككە چاقىرىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن كۈچلۈك ۋە ھەقىقىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ئىنتايىن مۇھىم ھەمدە سۈرىيەنىڭ پاراۋان بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھېچقانداق ئىش بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

ترامپ سۈرىيە دۆلەت رەئىسى ئەھمەد شەرانى تىنچلىق ئۈچۈن «تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ» دەپ ماختىدى ۋە بۇ پەيتنى «تارىخىي پۇرسەت» دەپ ئاتىدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى دېكابىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلەرگە 1000 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ۋە 400 دىن ئارتۇق قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى مەلۇم.

ئۆتكەن يىلى بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە يەنە ب د ت نىڭ نازارىتىدىكى بۇفېر رايوننى ئىگىلىۋالغان ھەمدە1974-يىلدىكى «كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىدە كونتروللۇقىنى كېڭەيتكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى