خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىداننىڭ دەمەشق زىيارىتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا
دۇنيا مەتبۇئاتلىرى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ دەمەشق زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.
00:00
خاقان فىداننىڭ دەمەشق زىيارىتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا
خاقان فىداننىڭ دەمەشق زىيارىتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا / TRT Uyghur

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شارا بىلەن كۆرۈشۈشى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھىم خەۋەرلەر كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

مەركىزىي قاتارغا جايلاشقان «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى فىداننىڭ  تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ قىلغان مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى: «كېيىنكى باسقۇچتا سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەركىزىي دۇبەيگە جايلاشقان «ئەلئەرەبىيە» تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ بۇ تارىخىي زىيارەتنى كۆپ قېتىم تارقاتتى ۋە فىداننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ سۈرىيە خەلقىنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلماقتا.»

«فرانس 24» تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تارقاتقان «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان دەمەشقتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، فىداننىڭ شارا بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا كەڭ ئورۇن بەردى.

گېرمانىيەنىڭ «زېيت» گېزىتى فىداننىڭ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە سۈرىيەدە قەتئىي ئورۇن يوق» دېگەن سۆزلىرىنى باش تېما قىلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، فىداننىڭ  سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان مۇنۇن چاقىرىقىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «خەلقئارا جەمئىيەت سۈرىيە يېڭى ھاكىمىيىتىنى كۈچلۈك قوللىشى كېرەك.»

گىرېتسىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى «ERT»، فىداننىڭ شارا بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ  تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ ئىنتايىن قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى «CCTV» فىداننىڭ: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ دەرھال تارقىلىپ كېتىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىكى دەسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا بىلدۈرگەن نارازىلىقىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى .

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى