ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا: تىرامپ ئۇزۇن يىللىق كەشمىر مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييار
تىرامپنىڭ باياناتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككى يادرو دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، تەرەپلەر ھاۋا ھۇجۇمى ، ئۆز-ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئا
ئامېرىكا: تىرامپ ئۇزۇن يىللىق كەشمىر مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييار
ئامېرىكا: تىرامپ ئۇزۇن يىللىق كەشمىر مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىشقا تەييار / AP

ھىندىستان بىلەن پاكىستان بىر - بىرىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى. گەرچە بۇ ھۇجۇملار قىسقا مۇددەت داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن  ھەر ئىككى تەرەپ خەۋپ – خەتەرلىك جىددىيلىك باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جاممۇ ۋە كەشمىر مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىش رولىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.  يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 10-ماي كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، تىرامپنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ۋەدىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

تەرەپلەر بۇ مەزگىلدە بىر - بىرىگە قارشى چېگرا ھالقىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى. گەرچە بۇ ھۇجۇملار قىسقا مۇددەت داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن  ھەر ئىككى تەرەپ خەۋپ – خەتەرلىك جىددىيلىك باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ھازىرچە ئاخىرلاشقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئاساسلىق جىددىيچىلىك تېخىچە ھەل بولغىنى يوق.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تاممى برۇسې سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ترامپنىڭ جاممۇ ۋە كەشمىر مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

 «پىرېزىدېنتىمىزنىڭ نېمە پىلانلىغانلىقى ياكى نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ھەممىمىز بىلىمىزكى، پىرېزىدېنت ترامپ ھەر بىر قەدىمىدە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشقان ئىختىلاپلارنى ۋە ئۇرۇشلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا.

دەرۋەقە ترامپنىڭ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى ھەيران قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس.»

برۇسې ترامپنىڭ ئىلگىرى دۈشمەنلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە بۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇنىڭ ئارىلىشىشىدىن بۇرۇن مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«<ترامپ> مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان سۆھبەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم كىشىلەرنى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىردىنبىر شەخس بولدى. بۇ، جاممۇ ۋە كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ھەل قىلىنىشىغا قارىتا ئۈمىد چىرىغى ياندۇردى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump to work with India, Pakistan to settle ‘1000 years’ of Kashmir dispute

 «باشقا ھېچكىم بۇنداق قىلالمايتتى»

برۇسې ترامپنىڭ باياناتلىرىنىڭ داۋامىغا قارىتا ئاقساراينىڭ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشنى پىلانلىغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئىجرائىيە ئورگىنىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ ئىلگىرى يېڭى دېھلى بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئوۋال ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئىشارەت قىلىپ، «باشقا ھېچكىمنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە خاتىمە بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دېگەنىدى.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا دىپلوماتىك ئالاقىلەر ھەر خىل سەۋىيەلەردە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

 برۇسې پاكىستان پارلامېنت ھەيئىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى بىلەن، بولۇپمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاللىسون خوكېر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قوللىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ھىندىستاندىن كەلگەن بىر ھەيئەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوفېر لانداۋ ھىندىستان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ، ئۇچرىشىشتا ۋاشىنگتوننىڭ ھىندىستاننىڭ   تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان تەرەپ بولسا، يېقىنقى ھەربىي جىددىيچىلىك توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، جاممۇ ۋە كەشمىر مەسىلىسىدە قايتىدىن باشلىنىدىغان مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش مەقسىتىدە، ھەر خىل دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن پائال دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتماقتا.

يېڭى دېھلى ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرگە قايتا قاتنىشىش توغرىسىدا جامائەتچىلىككە ھېچقانداق سىگنال بەرمىگەن بولسىمۇ، رايونلۇق دىنامىكىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى ھېرىسمەنلىكى كەلگۈسىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

بۇ ئارىلىقتا، ھىندىستان ۋاشىنگتوننىڭ پاكىستان بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە ھېچقانداق رول ئوينىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. پاكىستان بولسا، ئىككى ئەزەلىي رەقىب ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى يېنىكلىتىشتىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن ترامپقا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى