خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كالىفورنىيە قۇملۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «Quincy-1» ناملىق مانېۋىر «ھەرىكەت تەييارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە تەجرىبە-ساۋاق ئالماشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كالىفورنىيە قۇملۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
(FILE) The entrance of the National Training Centre, a US military training area located in the Mojave Desert in Fort Irwin, California. / Reuters

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كالىفورنىيەدىكى فورت ئىرۋىن (Fort Irwin) ھەربىي بازىسىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغان.

مىنىستىرلىقنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  «Quincy-1»  ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ «ھەرىكەت تەييارلىقىنى ئاشۇرۇش، تەجرىبە-ساۋاق ئالماشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ھەرخىل جەڭ مۇھىتىدا بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى ئۆزئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىرلىق مانېۋىرنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ياكى قاتناشقان خادىملارنىڭ سانى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

فورت ئىرۋىن (Fort Irwin) دۆلەتلىك مەشىق مەركىزى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەشىق مەيدانى بولۇپ، كالىفورنىيەنىڭ موخاۋې (Mojave) قۇملۇقىدىكى تەخمىنەن 3108 كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ