ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
بىر چاغلارنىڭ كۈچلۈك گېرمانىيە ئىقتىسادى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا نېمىشقا قىينىلىۋاتىدۇ؟
گېرمانىيە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنياۋى سودىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. قايتىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپنىڭ، يۇقىرى تاموژنا باجلىرىنى قويۇش ئېھتىماللىقى گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا.
00:00
بىر چاغلارنىڭ كۈچلۈك گېرمانىيە ئىقتىسادى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا نېمىشقا قىينىلىۋاتىدۇ؟
Münchendiki umumiy sektordiki xadimlar we yer xizmiti xadimliri ikki kün ish tошturup, muzdilar üstidiki müzakiriler netijisiz tügigen / Reuters

ئامېرىكا گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇش ئورنىنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ 2023-يىلى گېرمانىيە ئامېرىكاغا 157.9 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە مال ئېكسپورت قىلدى. ئەمما ترامپ كانادا ۋە مېكسىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا  %25، ياۋروپا ماللىرىغا %10 ۋە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا %60 نىسبەتتە باج قويۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ تەھدىت گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكادىكى بازار ئۈلۈشىنى ئاجىزلىتىپ، ئېكسپورتىنىڭ %15 تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

گېرمانىيە ئىقتىسادى پۇل پاخاللىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىشتىن بوشىتىشلارغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلەردىن ۋولكسۋاگېن، تىسسېنكرۇپ ۋە دويچې بان مىڭلىغان ئىشچىنى ئىشتىن بوشىتىشنى پىلانلىماقتا. بۇ ئەھۋال ئاللىقاچان قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئىقتىسادنى تېخىمۇ مۇقىمسىز ھالغا كەلتۈرمەكتە.

گېرمانىيەنىڭ كۈنسېرى قېرىپ بېرىۋاتقان نوپۇسى، ئىقتىدارلىق ئەمگەك كۈچى قىسلىقىغا سەۋەب بولۇپ، چەت ئەللىك ئىشچىلارغا بولغان تايىنىشنى كۈچەيتمەكتە. دۆلەت خەلقئارالىق تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىجابىي سىياسەتلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولماقتا.

ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېقىندىلىقلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى مەقسەت قىلغان گېرمانىيە، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا. تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ئەمگەك كۈچى ۋە گۈللىنىۋاتقان سانائىتى، گېرمانىيەنىڭ ئېھتىياجلىرىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى